ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.
BBC ۋە گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «زامان» گېزىتىنىڭ 19-ئىيۇل ئېلان قىلغان «ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب شۇ كۈنىBBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.
دومىنىك راب سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە «ئىنتايىن ئېغىر ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بار» دېگەن ھەمدە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جازا يۈرگۈزۈشىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زۇلۇملىرى ھەققىدە توختالغاندا بۇ ھادىسىلەرنىڭ «كىشىنى چۇڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغان» لىقىنى تەكىتلەپ، «كىشىلەرگە ئۇزۇن زاماندىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان ئىشلارنى ئەسلەتكەن» لىكىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇنىڭغا قارشى «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى» ئىپادە قىلغان.
بىراق، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ بايانلىرى خىتاينى چۆچۈتكەن. خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئەگەر ئەنگلىيە خىتايغا قارىتا بۇنداق بىر چارە قوللانسا، خىتاينىڭ جىددىي قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
BBC مۇخبىرى خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن ئېلىپ بارغان نەق مەيدان زىيارىتى ئەسناسىدا كۆزلىرى تېڭىلغان بىر توپ ئۇيغۇرنى پويىزلارغا سېلىپ ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەۋاتقانلىق سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق خىتاي ئەلچىسى «بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق، جىنايەتچىلەرنى دۆلەتنىڭ نەلىرىگىدۇ يۆتكەش ھەممە يەردە بار ئىش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى بولغانلىقىغا كۆز يۇمىدۇ.
ليۇ شاۋمىڭ سۆزىدە «شىنجاڭدا جازا لاگېرلىرى يوق، خىتايغا قارشى يالغان ئەيىبلەشلەر بار» دېگەن. ئۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 80% تۆۋەنلىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى تامامەن ئىنكار قىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 40 يىل ئىلگىرى 4-5 مىليون ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر كۆپىيىپ 11 مىليونغا يەتتى» دېگەن.
خەۋەردە 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە يۈكسەلگەنلىكى، بىراق ئاخىرقى بىرقانچە يىلدا يەنە شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن.
ئەنگلىيەدە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ھازىر ئەنگلىيەدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاينى جازالاش توغرىسىدا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە مال-مۈلكىنى توڭلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر ئېقىملىرى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بارغانسېرى كۈچۈنۈپ بارغان. بۇ پىكىرنى تەرغىب قىلغۇچىلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتىمۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر شەرت ئاستىدا پارلامېنتتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر ئىكەن.
ئەنگلىيە ئامېرىكادىن قالسا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جازالاشنى كۈنتەرتىپكە قويۇۋاتقان ئىككىنچى دۆلەت بولۇپ، ئۇ يېقىندا خىتاينىڭ خۇئاۋېي تور سىستېمىسىنى چەكلەش ھەققىدە قارار چىقارغانىدى. ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئىجابىي قەدىمىنىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۈلگە بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى خوڭكوڭدا مەجبۇرى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىي بۇزۇلۇشقا يۈزلەنگەن. د ئۇ ق نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئالدىنقى بىرقانچە ئايلاردىن بۇيان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تىلغا ئېلىپ كەلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى