ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم 20-ئىيۇل خىتايغا تۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىن زىيارەت قىلىشى ۋە كىم بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىسا شۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئورتاگۇس خانىم بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى» ھەققىدىكى باياناتىغا قارىتا ئېيتقان.
مورگان ئورتاگۇس ئىنكاسىدا ئامېرىكادىكى بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى قوشۇپ تىۋىتتېر قىلغان. خۇا چۈنيىڭ ئۆتكەن ھەپتىكى باياناتىدا مايك پومپېيوغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ مايك پومپېيونى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «يالغان» سۆزلەش بىلەن ئەيىبلەپ، «ئەگەر پومپېيو ئەپەندى سەمىمىي بولسا ئۇنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ، كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشىنى ۋە شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن. لېكىن ئورتاگۇس خانىم 20-ئىيۇل ئۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە بۇنداق كۆپ چەكلىمە قويۇشىدا نېمىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا سوئال قويغان.
ئۇ ئىنكاسىدا: «بىزنىڭ خىتايدا دىپلوماتلىرىمىز بار، خۇددى سىلەرنىڭ دىپلوماتلىرىڭلار ئامېرىكادا ئەركىن يۈرگەندەك ئۇلارنىڭمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتنى ساياھەت قىلىپ، كىم بىلەن كۆرىشىشنى خالىسا شۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلسۇن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق كۆپ چەكلىمە قويۇلىدۇ؟، سىلەر نېمىنى يوشۇرماقچى؟» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا شەرت قويۇپ، ئۇلارنىڭ خالىغان جاينى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى