كورونا ۋىرۇسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى | TRT ئۇيغۇرچە

ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە قايتا بايقالغان ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى 20-ئىيۇل كۈنى قەشقەر شەھىرىگە تارالغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا، 20-ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا 17 يېڭى يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، يۇقۇمدارلارنىڭ بىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە، قالغانلىرىنىڭ ئۈرېمچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەت دائىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە رايوندا بايقالغان يۇقۇمدارنىڭ ئومۇمى سانى 47 گە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ 46 نەپىرى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

مەزكۇر يۇقۇمنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قايتا تارقىلىشىغا قانداق ئامىل سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. يەرلىك دائىرىلەر بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كەڭ كۆلەملىك يۇقۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى، رايوندا پەقەت 76 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقى ۋە 2-ئايدا يۇقۇمنىڭ تولۇق كونترول قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 19-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش قوماندانلىق شتابى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق سايباغ ۋە تەڭرىتاغ رايونلىرىنى «يۇقىرى دەرىجىدە خەۋپلىك رايونلار»، دەپ ئېلان قىلغان. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۇچىلەر، خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىكىدەك يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كورونا ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش قوماندانلىق شتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ خىتايلار كۆپ سانلىقتىكى تۇدۇنخابا رايونى، يېڭى شەھەر رايونى ۋە شىموگو رايونى تۆۋەن دەرىجىلىك خەۋپلىك رايونلار ئىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى