لوندون رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى «Quilliam International» نىڭ قۇرغۇچىسى ماجىد ناۋاز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىپ ، بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنى ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا مەسئۇل شەخسلەرگە ماگنىسكىي قانۇنى بويىچە جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى ۋە ئەنگىلىيە پۇقرالىرىنى بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان.

ماجىد ناۋاز مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. جازا لاگىرلىرىدا ئىككى مىليونغا يېقىن ئىنسانلار قامالغان. ئۇيغۇرلار ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئۈچۈن زاپاس ئەزا بىلەن تەمىنلىنىدىغان بازارغا ئايلانغان. ئۇلار ئىچكى ئەزالىرى مەجبۇرىي سۇغۇرۇپ ئېلىنىش ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. دۇنيا بۇ خورلىنىشقا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر كىشلەر دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھۇقۇققا ھۆرمەت قىلىشتىنمۇ يەر شارىلىشىش تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. نەتىجىدە پۇقرالار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي، ئەخلاق ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىينىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاكىستان ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئىران ، ئىراق ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر،  شۇنداقلا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بۇ دۆلەتلەر قوللىدى. شۇڭا دېموكراتىيە غەرب پۇقرالىرىنىڭ ئېنىق مەيدانى بولۇشى كېرەك ».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: « خىتاي بىزنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيىلىرىمىزدە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بىزنى بۇزۇشىغا يول قويمايمىز. شۇڭلاشقا مەن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنى چاقىرىمەن.»

ئۇ يەنە مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرغان.

ماجىدنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشى پارلامېنتنىڭ ئىلتىماسى 100 مىڭ ئىمزاغا يەتكۈچە داۋاملىشىدىكەن ، ئاندىن ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى مۇنازىرىگە قاراپ چىقىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

 

مەنبە: