بۇ يىل 12-ئىيۇل «خىتاي خەلق گېزىتى» نىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا «مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئالىمجان» ناملىق بىر ۋىدىيو ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئالىمجان خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا-شىنجاڭدا ياشايدىغان، ھەقىقىي مۇھەببەت ئىزدەيدىغان نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھېكايىسىگە نەزەر سېلىڭلار» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن.
بۇ ۋىدىيونى ھەمبەھىرلىگەن خۇڭكوڭلۇق تەتقىقاتچى خۇڭ لىدا خانىم ئۇنىڭغا: «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ ۋىدىيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى شالغۇتلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى» دەپ باھا يازغان.
بۇ ۋىدىيودا ئالىمجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ توردا مۇھەببەتلەشكەن خەنزۇ قىز بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقانلىقى، باغچە ئايلىنىپ، بازار چۆرگىلەپ، كەچلىك تاماق يەپ بۇ بىر كۈننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاخىرىدا بۇ ئىككىيلەننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى ۋە بىر-بىرىگە ئىشىنىشى بىلەن كەلگۈسىدە بىللە ياشاپ، ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە شاھىت بولىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
بۇ ۋىدىيو ھەققىدەئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇڭ لىدا خانىم بۇ ۋىدىيونى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ۋىدىيودا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر يىگىت بىلەن خىتاي قىزنىڭ مۇھەببىتى گەرچە «پاك مۇھەببەت» تەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن كۆزەتكەندە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانى ئۈچۈن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «‹خەلق گېزىتى› چىقارغان بۇ ۋىدىيودا خەنزۇ قىز بىلەن ئۇچراشقىلى چىققان ئۇيغۇر يىگىتنىڭ قانداقتۇر سەمىمىي بىر مۇھەببەت ھېكايىسى كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋىدىيونى كۆرسىڭىز، بىر يىگىت بىلەن قىز ئۇچراشقىلى چىققان، قارىماققا ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئەمما بۇنىڭ چوڭ تەشۋىقاتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى، ئالدى بىلەن بۇنى خەلق گېزىتى تەشۋىق قىلغان. ئاندىن بۇ ۋىدىيودىكى ئۇيغۇر يىگىتنىڭ بۇ ئۇچرىشىشقا ساقال-بۇرۇتىنى ئېلىۋېتىپ بېرىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئۇچرىشىش بىر نەچچە يىلدىن بېرى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار غايەت زور يىغىۋېلىش مەركەزلىرىگە قامالغان بىر ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىلغان. مەن بۇ ۋىدىيودىن ئىككى مىللەتتىن بولغان ياشنىڭ كۆڭۈللۈك ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇيغۇر يىگىتنىڭ بولغۇسى خىتاي خوتۇنى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن خۇشال ھالدا سىرتقا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، بىر خىل شۇملۇقنى ھېس قىلدىم. ئۇ ھەقىقەتەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ياكى باشقا مۇسۇلمانلارغا كېلىدىغان بىر خىل تەھدىتتۇر».
بۇ ۋىدىيو 405 قېتىم ھەمبەھىرلەنگەن ۋە ھەر خىل باھالار يېزىلغان بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قوزغىغان ۋە بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز بەزى كىشىلەر: «ئىككى مىللەتتىن بولغان ياشلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ توي قىلسا نېمە بوپتۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكىم مىللەتلەر ئارا باراۋەرلىك ۋە مۇھەببەتنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويغان. خۇڭ لىدا خانىم بۇلارغا: «بۇ ۋىدىيو مىللەتلەر ئارا مۇھەببەتنى كۈيلەۋاتامدۇ؟ ياق، مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇ يالغانچىلىق ئۇ جايدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامالغان، ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇغماس قىلىۋېتىلگەن بىر مۇھىتتا تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن جاۋابنى بەرگەن.
گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئاسىيە خانىم بۇ ۋىدىيودا قىلىنغان تەشۋىقاتنىڭ سېپى ئۆزىدىن ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «خىتاي ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئادىل، باراۋەر مۇئامىلە قىلغان بولسا، بۇنداق ساختا تەشۋىقاتلارغا كۈچەپ يۈرمىگەن بولاتتى» دېگەن.
خۇڭ لىدا خانىم «شىنجاڭ ھۆكۈمىتى» نىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا ئۈندەپ، مۇكاپاتلاپ كەلگەنلىكىنى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا ئۇلارنى قورقۇتۇش، بېسىم قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى بۇنداق ئىشلارغا كۆپ تەرەپتىن ئېتىبار بېرىپ كەلدى، خىتايلار بىلەن توي قىلىشنى خالىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى كۆپ مىقداردا نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن نەق پۇلغىلا ئەمەس، ياخشى ئۆيگە ئېرىشىدۇ، ئەگەر بالىلىرى بولۇپ قالسا ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالايدۇ. مەن بۇ خىل مۇكاپات ۋە قىزىقتۇرۇشلارنى 2018-يىل نەشر قىلىنغان ‹دىكتاتورغا ئاسىيلىق قىلىش› ناملىق كىتابىمدا يازغانىدىم. مەن ئۇ كىتابنى يازغان چاغدا شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تەھدىت سېلىپ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا قىستايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمىغانىدىم. بۇ ۋىدىيونى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋەزىيەتنى، شۇنداقلا ‹قوشماق تۇغقان› دەپ ئاتالغان خىتايلارنىڭ ئۆي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ئۆيدە يېتىشىدەك ئەھۋالنى ئويلىسىڭىز، شۇنى بىلىسىزكى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ھەرگىز بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭغا نارازى، ئەمما بۇنى رەت قىلالمايدۇ».
ئاسىيە خانىم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ توي قىلىش نىسبىتىنىڭ ئەزەلدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، خىتايغا بولغان نەپرەت ۋە قارشىلىق كۈچەيگەنسېرى بۇ نىسبەتنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولغانلىقىنى، نەتىجىدە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بىمەنە ئىشنى، يەنى مىللەتلەر ئارا مۇھەببەتلىشىش ۋە تويلىشىشنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاسىيە خانىم قاتارلىق تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خەنزۇ قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىشى ۋە توي قىلىشىنى تەشۋىق قىلىشى مىللەتلەر ئارا تويلىشىش ۋە ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كېيىنكى بىر نەچچە ئەۋلادتا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.
خۇڭ لىدا خانىم ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئىشىدىمۇ ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەسلىكىنى، خىتاي بىلەن توي قىلىشنى رەت قىلغانلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنى رەت قىلغانلىق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ، سىزگە ھۆكۈمەتتىن كېلىدىغان بىر خىل تەھدىتتۇر. ئەگەر سىز ئاتا-ئانا بولسىڭىز، قىزىڭىز ياكى ئوغلىڭىزنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى رەت قىلسىڭىز، سىز خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى كوممۇنىستىك پارتىيەگە بويسۇنۇشنى رەت قىلغان بولىسىز، ئاندىن جازالىنىسىز. شۇڭا بۇ ۋىدىيودىكى مۇھەببەت ھېكايىسى قارىماققا غۇبارسىز، رومانتىك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىنىۋاتقان ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇلارنى كۆپ سانلىق خىتايلارغا قوشۇۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. ئەلۋەتتە ھازىر كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار بۇ خىل ھەرىكەتنى «بىر-بىرلەپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېتىك قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى، چۈنكى ھازىر قولىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياكى قازاق ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش، بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقنىڭ نوپۇسىنى ئازلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار. بۇ دەل، ب د ت تەرىپىدىن ئېنىقلىما بېرىلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر».
خۇڭ لىدا خانىم نيو-يوركتا ياشايدىغان خوڭكوڭلۇق تەتقىقاتچى بولۇپ، «خىتايدىكى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار (فېمىنىستلار)نىڭ ئويغىنىشى ۋە ئولتۇرۇپ قالغان ئاياللار»، «دىكتاتورغا ئاسىيلىق قىلىش» ناملىق كىتابلارنى يېزىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.