خىتاي ھۆكۈمىتى «135 كۈنگىچە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالمىدى» دەپ خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغان. 16-ئىيۇل كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 15-ئىيۇل يېرىم كېچىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە قاتناشنى توختىتىپ، كارانتىن تەدبىرلىرى ئېلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
16-ئىيۇل كېچىدە يەنە ئۈرۈمچىدىن باشقا سانجى، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭمۇ قامال قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇرلار تارقالدى.
17-ئىيۇل خىتاي تىللىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى بايقالغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، 15-ئىيۇل يېرىم كېچىدىن باشلاپ، 7 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ئايروپىلان قاتنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يولۇچىلار قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقى، سودا-تىجارەت ئورۇنلىرى، ئىدارە-جەمئىيەتلەر ۋە مەكتەپلەر تاقىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىملىقى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇشلار تارقىتىلغان.
ئۈندىدار سالونىدا 16-ئىيۇل كېچىدە تارقالغان بىر ئۇچۇردا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 16-ئىيۇل كەچ سائەت 8:00 دە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى 7 كۈن ئىچىدە 6 خىل قامال تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي مەركىزى تېلىۋېزىيەسىمۇ 17-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇمدارلار بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە 17-ئىيۇل كۈنىگىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بايقالغان يۇقۇمدارلار سانىنىڭ 6 گە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ 11 گە يەتكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدە 135 يۇقۇم گۇماندارىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئەركىن اسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ تېلىفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن شەھەردىكى بارلىق قاتناشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ، ئەگەر يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېسەل تەكشۈرتمەكچى بولغانلار بولسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىغا خەۋەر بېرىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلدادوختۇرخانىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق شەخسى ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتاي بۆلۈمى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلىگەن ئەھۋالدا بىر شەھەر ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىپ: «ئەڭ ئاۋۋال يۇقۇم ئەھۋالى بايقالدى دېگەن رايون، يەنى تەڭرىتاغ رايونى قامال قىلىندى. كېيىن باشقا رايونلارمۇ قامال قىلىندى، ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى قىزلار ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تىزىملاۋاتىدۇ. ئۇلار شۇ ئائىلىدە نەچچە جان بارلىقى، كىملىك دېگەنلەرنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ بارمۇ، قىزىش ئالامەتلىرى بارمۇ؟ يەيدىغىنىڭلار بارمۇ دېگەنلەرنى سورىدى. بۇ بۇيۇملارنىڭ بىرنەچچە كۈن كېيىن كېلىدىغانلىقى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. ئۇلار ھازىر ئۆي-ئۆي تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدىلا كىرىپ تەكشۈردى، خىزمەت ۋاقتى بولغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىدى،» دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى «شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى تارقالدى» دېگەن باھانىدا ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى تۇيۇقسىز قامال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ۋاقىت ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ، مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ رايوندىن ئەھۋال ئىگىلىشىنى چەكلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسىنى كونترول قىلىشى سەۋەبلىك ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ بۇ قېتىم تۇيۇقسىز قامال قىلىنىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى خەلقئارا تاراتقۇلاردا يەنىلا جىددىي گۇمان قوزغاۋاتقان مەسىلە دەپ قارالماقتا.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى