ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ئۇيغۇر كەنت كادىرلىرىنى 'قوش تىلدا ...

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىن 320 نەپەر ئوقۇغۇچىنى دۆلەت تەستىقلىغان 9 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2020-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا قىسىملىرى، ئىستراتېگىيەلىك زاپاس قىسملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا قوبۇل قىلىپ، نۇقتىلىق تەربىيەلەيدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم 2020-يىلى بىرلىككە كەلگەن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئەرلەر ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇشى، 20 ياشتىن تۆۋەن، توي قىلمىغان بولۇشى كېرەككەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خەۋەردە كاندىداتلارنىڭ چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇسلۇق بولۇشى ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەلەپكە ماس كەلگەن بولۇشى شەرت قىلىنغان. ئۇلارنىڭ سىياسىي ئۆلچەمگە توشقان ياكى توشمىغانلىقى «پۇقرالارنى سىياسىي جەھەتتىن باھالاش جەدۋىلى» ناملىق جەدۋەل ئارقىلىق كاندىداتلار تىزىمغا ئالدۇرغان ناھىيە-شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ باھالىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا مەخسۇس ئوفىتسېر تەربىيەلىشى دىققەت قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى