ئارخېئولوگلار پامىر ئېگىزلىكىدىكى ‹‹ئاق-قارا تاش سىزىقلىق قەدىمىي ...

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە چەكلىمە قويۇۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي تاراتقۇلىرى ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئىزلار» نىڭ كۆپلەپ بايقىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى» ھەققىدە جار سالماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 17-ئىيۇل تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئارخېئولوگلىرى يېقىندا قۇمۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىنىڭ بوستان كەنتىدىكى لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىدىن «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئىز» لارنى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2019-يىل 4-ئايدا شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلار تەتقىقات ئورنى، قۇمۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراقتىن سېزىش تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ، قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە رايونىدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىنىڭ يېنىدا بۇتخانا، ئامبار خارابىلىكىنى ھەمدە غەربىي شىمالىدا تاڭ، سۇڭ دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەرنى بايقىغان. 2019-يىل لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ تارىخنامىلىرىدىكى خاتىرىلەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، مىلادىيە 630-يىلى قۇمۇلدا تەسىس قىلىنغان ناجى ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ھازىرقى لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدىغانلىقى، تاڭ دەۋرىدە خىتايلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ئىككى ئايماق تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقى، بۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتايلارنىڭ تۈزۈمىگە ئوخشايدىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ مەركەز تەرىپىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

بۇ خەۋەر «شىنجاڭ گېزىتى» تورىدىن باشقا يەنە «سوخۇ تورى» قاتارلىق كۆپلىگەن تور بېكەتلىرىدە تەشۋىق قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتى ئۇلار ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار بۇنى يەنە مەقسەتلىك ھالدا كۆتۈرۈپ چىققان.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىشەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى مەنچىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان قەلئە خارابىلىرىنى زور مەبلەغ بىلەن رېمونت قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى مەزگىللەردە چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى قاتارلىق قەدىمىي ئىزلارغا خىتايچە خەتلەر يېزىلغان ساختا بۇيۇملارنى كۆمۈپ، بۇنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي ئىزلىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى. 1980-يىللاردا ساختىلىقى بايقالغان «كەكمەنىر شېئىرلىرى» دەل بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى