بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ سۈكۈتلىرىنى بۇزۇپ ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مۇھىم ۋە قېيىن مەسىلىگە ئايلانغان.

14-ئىيۇل ئەنگلىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى ئەرەب گېزىتى» دە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كىم ئاخىرلاشتۇرىدۇ» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ بەلگىلىك دىققەت قوزغىغان ئىدى. ماقالىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلىپلا قالماي، بەلكى ب د ت دا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ئاۋاز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 95-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھىندونېزىيە، مالايشىيا، تۈركىيە قاتارلىق بىرقىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە خەلقنىڭ قارشىلىق نامايىشلىرى يۈز بېرىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىدىن ھېچقانداق نىدا چىقمىغان. 2019-يىلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىرغا قەدەر مۇسۇلمان دۆلەتلىرى سۈكۈتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى قوللاپ كەلمەكتە ئىدى.

بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي ھالدا ئۈمىدسىزلەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟ قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ سۈكۈتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟» دەيدىغان سوئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى.

«ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كىم ئاخىرلاشتۇرىدۇ» ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنى غىدىقلاشنى مەقسەت قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن 2018-يىلى 11-ئايدا ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى قوزغاش توغرىلىق مەخسۇس قارارلار قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئىككى يىلدىن بۇيان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش يولىدا بەلگىلىك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ مەقسەتكە يېتىش قېيىن بولغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتقان خىتاي زوراۋانلىقىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇشى، ھەتتا ئۆزلىرىنى «ئىسلام دۇنياسىنىڭ پايتەختى» سانايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ يېنىدا تۇرۇشىنىڭ بىرقانچە مۇھىم سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالغان. د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى يۈزلىمىچىلىك سىياسىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىغا قارىتىلغان پائالىيەتلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبلىك ھازىرغا قەدەر مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ سۈكۈتلىرىنى بۇزۇش مەقسىتىگە يېتەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە مەتبۇئاتلارنى چىڭ تۇتۇپ «خىتاينىڭ ئىسلامغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق» جىنايىتىگە دائىر تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئۈنۈملۈك يوللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ھازىر ئامېرىكانىڭ مەسىلىسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئۇنى پۈتۈن دۇنيانىڭ مەسىلىسىگە، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمدە تۈركلىك ئالىمىنىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش كۆپ ئەجىر ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدىكەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى