يۇتوب تورىنىڭ «كۈمۈچ كۇنوپكىسى» نامىغا ئېرىشكەن، 450 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار ئابدۇلەزىز سالاۋات ئەپەندى.

يۇتوب تورىنىڭ «كۈمۈچ كۇنوپكىسى» ئابونېتلىرى يۈز مىڭدىن ئاشىدىغان قاناللارغا بېرىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنلەردە «ئابدۇلەزىز سالاۋات» ناملىق قانالنىڭ ئەرگەشگۈچىلىرى 450 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇ تارقاتقان سىن پروگراممىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈلۈش قېتىم سانى 56 مىليوندىن ئاشقان.

ئابدۇلئەزىز ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئاشپەزلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى ئائىلىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھېلىھەم ئاشپەزلىك بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇلار رۇسسىيەنىڭ موسكۋا، سوچى، نوۋوسىبىرسك، چېليابىنسك قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر رېستۇرانلىرىدا تەملىك ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئېتىپ، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا.

داڭلىق ئاشپەز ئابدۇلئەزىز سالاۋات ئۆزىنىڭ يوتۇب قانىلىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆز ئابونېنتلىرىغا ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. تېشىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئابدۇلەزىز تائام ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ، بۇنىڭغا ئۆز ئەگەشگۈچىلىرىنى كۆندۈرمەكتە.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلەزىز سالاۋات ئۆزىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنى بەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەپسۇس، مەن ئۇيغۇر تىلنى ئانچە ياخشى بىلمەيمەن، لېكىن مەن ئەلھەممدۇلىللاھ ئانا تىلىمنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. مەن رۇسىيەدە خىزمەت قىلىشقا قىرغىزىستاندىن تەكلىپ قىلىندىم. قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئاشپەز لازىم بولغان كەن، مەن تاللاشتىن ئۆتۈپ موسكۋا شەھىرىدە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىندىم. ئۇيغۇر تائاملىرىغا كەلسەك، مەن ئويلەيمەنكى رۇسسىيەدە شۇنداقلا باشقا ھەممە دۆلەتلەردە ئۇيغۇر لەغمىنى خېرىدارلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان تائام. شۇنداق بولسىمۇ رۇسىيەدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر لەغمىنىنى بەزىلەر يەنىلا ‹ئۆزبەك لەغمىنى› دەيدۇ. لېكىن يىلدىن يىلغا رۇسىيەدىكىلەرمۇ ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇپ قالدى. مەن سەپداشلىرىم بىلەن رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە «تيانېم پوتيانېم» ناملىق بىر لەغمەنخانا ئاچقان ئىدىم، شۇ لەغمەنخانىدا بەش-ئالتەتۈرلۈك ئۇيغۇر لەغمىنى چىقارغان ئىدۇق. ئاشخانىمىزغا كىرگەن كۆپلىگەن مېمانلىرىمىزغا ئۇيغۇر لەغمىنىنىڭ ئۆزىگە خاس پەرقلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئۇلارنىڭ تائام مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتۇردۇق. ئەپسۇسكى، كارانتىن تۈپەيلىدىن بىز لەغمەنخانىمىزنى تاقاشقا مەجبۇر بولدۇق.»

ئابدۇلەزىز سالاۋاتي يۇتوب قانىلىندىن سىرت يەنە ئىنستاگرام سەھىپىسىدە ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇرغۇن مەلۇماتلار بېرىپ، كۆپلىگەن ۋىدېئو ۋە سۈرەتلەرنى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقتا.

ئابدۇلەزىز ئەپەندى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېگەن: «ھە، راست، مەن ئىنستاگرام سەھىپەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت سۈرەت ۋە ۋىدېئولارنى ئېلان قىلىمەن، چۈنكى رۇسىيەدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پەقەت خىتايغا ياقىدىغان خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ‹تېررورىست› ۋە ‹بۆلگۈنچى› دېگەندەك قالپاقلارنى كىريدۈرگەن. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈمنىڭ سەھىپەمدە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانمەن. ئەگەشكۈچىلىرىمگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى توغرىسىدا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ھېچقانداق تېررورلۇق ياكى ئەسەبىيلىكنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پەقەتلا خىتاينىڭ ئويۇنى ۋە رايوندىكى قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىمەن.»

ئابدۇلەزىز سالاۋاتنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىگە 12 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يېزىلغان. ئۇلار ئاساسلىقى رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بېلورۇسىيادىكىلەر، ئاز قىسمى ئوتتۇرا ئاسىدىكى دۆلەتلەردىن ئېكەن. سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئابدۇلەزىز ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ھېچقانداق بىر مۇمكىچىلىك بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ دەپ تەكىتلىدى. ئۇ ئۆز سەھىپىسىدە فوتو سۈرەت ۋە ۋىدېئو ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئاڭ سېزىمىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ پىكرىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بىرەر مۇمكىچىلىك بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن، بەلكى تارىختا قايسى بىر دۆلەت مۇشۇنداق سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ تولۇق دەلىل-پاكىتلىرى يوق، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى چەكتىن ئاشتى. ئەڭ قەبىھ يېرى شۇكى، ئۇلار مۇشۇنداق رەزىل قىلمىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، تاشقى دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئاخلاش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ‹تېررورىست› دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز سەھىپىمدە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشكە تىرىشىۋاتىمەن، مېنىڭ ئەگەشگۈچىلىرىم ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيەدىكىلەر، مەن ئۇلارغا ھەر دائىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمەن، بۇ پەقەت خىتايغا كېرەكلىك سىياسەت، دىن ۋە مەدەنىيەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. خىتاي ئۇيغۇرلارنى دۇنيا يۈزىدىن ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ سۈرەت ۋە ۋىدېئولارنىڭ پايدىسى نېمە دېسىڭىز، بۇلارنى ئادەملەر كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئۆزگەتىشى مۇمكىن. ئۇلار پەقەت تېلېۋىزوردىنلا ئەمەس، بەلكى باشقا تەرەپتىن بۇ مەسىلىگە قارىسا بولىدۇ. ھازىر رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيەدىكى بىر قىسىم مۇستەقىل ئاخباراتچىلار ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ، لاگېرلار توغرىسىدا ھەقىقەتنى ئۆز سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلماقتا، خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.»

ئابدۇلەزىز سالاۋات ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك ساھەسىدىكى ماھىرلىقى بىلەن رۇسىيەدە ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئاشپەزلەردىن بولۇپ تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭغا رۇسىيە پايتەختى موسكاۋا شەھىرىدىكى بىر نەشرىيات مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي تائاملىرى بويىچە بىر كىتاب يېزىشنى تەۋسىيە قىلغان. 2019-يىلى ئابدۇلەزىز سالاۋاتنىڭ «داڭلىق شەرق تاماقلىرى: مانتا، سامسا ۋە چېبۆرەك» دېگەن كىتابى نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر تاماقلىرىنىڭ رېتسېپلىرى يېزىلغان.

موسكۋا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياسىنجان روزىيېفئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر تائاملىرىدىن مانتا، لەڭمەن ۋە سامسىلارنىڭ كەڭ تونۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى، موسكۋا ۋە نوۋوسىبىرسك قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان ئاشپەزلەر ئۇيغۇر تائاملىرى ئاشخانىلىرىنى ئېچىپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مىللىي تاماقلىرىغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىش تولىمۇ مۈشكۈل. چۈنكى رۇسىيەنىڭ ھەر خىل ۋىلايەتلىرىدە ئۆز ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن تەرەققىي قىلماقتا. مەسىلەن، رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ۋىلايەتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىياچە رېستورانلار پەيدا بولۇشى بىلەنلا مانتا، سامسا ۋە لەڭمەن كەڭ تونۇلماقتا. لېكىن ئۆزبېك ئاشخانىلىرى جقراق، رۇسلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇ تائاملارنى ‹ئۆزبېك مىللىي تائاملىرى› دەپ تونۇيدۇ. بۇ ئاشخانىلاردا لەڭمەن مايلىق شورپا بىلەن ئېتىلىدۇ. ئەمما بەزى جايلاردا، موسكۋا شەھىرىدە ياكى نوۋوسىبىرسكتا ۋەتەندىن كەلگەن ئاشپەزلەر ھەقىقىي ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئۆز تەمى بىلەن تەييارلاپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.»

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى