خىتاي ئاخباراتىدا تارقىتىلغان خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى توغرىسىدىكى خەۋەردىن ئېلىنغان. 2020-يىلى 23-ئاپرېل.

خىتاي ھۆكۈمىتى « شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېلان قىلىشىچە، لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئۇيغۇر ئىشچىلار 40 مىڭ يۈرۈشلۈك زاكازنى تاماملاش ئۈچۈن جىددىي ئىشلەۋاتقان بولۇپ، يالغان چاچ ياساش مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا،  %30 ئاشقان.

2019 – يىلى پۈتۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن لوپ ناھىيەسىنىڭ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسى يالغان چاچ بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۇقىرى – تۆۋەن ئېقىندىكى 32 كارخانا ماكانلاشقان، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 7000غا يەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى پات ئارىدا  لوپ ناھىيىسىگە يەنە سەككىز كارخانىنى يەرلەشتۈرۈشنى پىلانلىغان بولۇپ،  كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 3 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، باغچە رايونىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سىياسىي جەھەتتىن مېڭە يۇيۇش ھەم تېخىمۇ قاتتىق كونتىرول قىلىش ئۈچۈن، كارخانىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىدىغان مەخسۇس خادىمدىن 100نى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئىلگىرى خوتەن لوپقا جايلاشقان خاۋلىن چاچ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قوللىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2020-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئامېرىكانىڭ بارلىق تاموژنا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى. ئىلگىرى خىتاي تاراتقۇلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان ۋىدىيولۇق خەۋەردىن، بۇ چاچ زاۋۇتى سېخلىرىدا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپلىگەن كۆزىتىش كامېرالىرى، خىتايلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا جىددىي ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

لوپتا يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرىنىڭ سېتىش زەنجىرىنى ئېنىقلاش جەريانىدا يەنە لوپ ناھىيەسىدىكى ئوخشىمىغان نامدا قۇرۇلغان بۇ چاچ ياساش شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا «لوپ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت مائارىپ ۋە تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان لاگېردىن تەربىيىلىنىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان  ھەمدە  ئادەم چېچىنى خام ئەشيا قىلىدىغان زاۋۇتلارغا تەمىنلىنىۋاتقان خام ئەشيانىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلگەن چاچلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى مەيدانغا چىققانىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ ئېلان قىلغان بۇ خەۋىرىدىكى يالغان چاچ ياساش كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»