خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دىنىي ۋە سىياسىي باستۇرۇشى كۈچەيتىلگەن بىر مەزگىلدە، جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر 2014-يىلى مارتتا تايلاند ئارقىلىق مالايشىياغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا، تايلاند ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئەينى چاغدا بۇ مۇساپىرلار ئىچىدىكى 170 تىن ئارتۇق بالا ۋە ئايال تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، تايلاند ئۇلارنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. لېكىن، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا، يەنى 2015-يىلى، 8-ئىيۇل كۈنى تايلاند دائىرىلىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، 109 نەپەر ئۇيغۇرنى باشلىرىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن، قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا بانكوك ھەربىي ئايرودرومى ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنىدى.
تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ پاجىئەسى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. ھازىرقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەزكۇر ئېچىنىشلىق ۋەقەگە 5 يىل تولغان كۈندە يەنىلا 54 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى تۈرمە ۋە مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ۋە تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىغان ھالدا تۇرماقتا.
تايلاندتا ھازىرمۇ تەقەززالىق بىلەن ئەركىنلىكنى كۈتۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار، ئۆزلىرىگە ئوخشاش تايلاندتا تۇتۇلۇپ قېلىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى ياد ئېتىش بىلەن تەڭ دۇنيانىڭ بۇ پاجىئەنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن قايتىلانماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ۋە بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلغان بۇ مۇراجىئەتتە ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى خىتاب قىلغان. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ مەھبۇسلۇق ھاياتىغا ئالدىنىڭ 8 يىل، كەينىنىڭ 6 يىلدىن ئاشقانلىقىنى، بۇ جەرياندا تۈرلۈك جىسمانىي جازا، ئاچ قويۇلۇش، كېسەللىرىنى داۋالىتالماسلىقتەك ھەددىدىن ئاشقان ناچار مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى، نورمال ئادەمدەك ياشاش ئىمكانىيىتى يوق ۋەزىيەتنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى بەزى ئۇيغۇرلاردا جىمىغۇرلۇق، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق روھىي ۋە پسىخىكىلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرىدىن مەلۇمات بەرگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا تايلاندتىكى مەلۇم مۇساپىرلار لاگېرىدىن بۇ ھەقتە ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتكەن بىر ئۇيغۇر ناھايىتى قىسقا، ئەمما جىددىي ھالدا مۇنداق سۆز قالدۇرغان ئىكەن:
ئۆزلىرىنىڭ نىجاتلىققا بولغان تەلپۈنۈشى، ئىمانىنىڭ كۈچى بىلەنلا تىرىك تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە بەزى ئىنسانپەرۋەر تۈرمە گۇندىپايلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كونا مەھبۇسلار بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئىپادىسىنىڭ ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى يۈزىسىدىن، بەزىدە ئۇلارنىڭ تېلېفون ئىشلىتىشىگە ئانچە-مۇنچە يول قويغان. ئۇلار ئەنە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تاشقى دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ نىداسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، ئەمما باشقا چاغلاردا ئۇلارغا تېلېفون ئۇرۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.
ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 20-ئىيۇن كۈنى «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا تايلاند دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى بىخەتەر بولغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە جايلاشتۇرۇشقا چاقىرغانىدى.
ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى تايلاندتىكى 50 نەچچە ئۇيغۇر مۇساپىرغا ئالاقىدار مەسىلىنى داۋاملىق تۈردە مەزكۇر تەشكىلات ۋە بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە سۈپىتىدە تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق نەتىجە چىقمايۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە پاناھلىنىشقا يول ئېچىشنىڭ جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە قارىماستىن 109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەندىن بۇيان بۇ كىشىلەرنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ئاساسەن ئۇچۇر يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ ۋاقىتتىكى تايلاندتا تۇتۇلغان مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەنىڭ ھىمايىسىدە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، شۇندىن بۇيان ئائىلىسى پارچىلىنىپ ئەرلىرىدىن جۇدا ھالدا، تۈرلۈك ئىقتىسادىي ۋە روھىي بېسىملار ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
شۇنداقتىمۇ ئاتىسىز بالىلىرىنى قاتارغا قېتىش يولىدا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن باشقا توختىماي ئەرلىرىگە ئادالەت ئىزدەپ كېلىۋاتقان بۇ مۇساپىر ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن بىرى ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، داۋاملىق زۇلۇم چېكىۋاتقان ئېرى، يەنى تىرىك يېتىم بالىلىرىنىڭ دادىسىنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئۆتكۈر يۇقۇم ۋاقتىدا ھاياتى بىخەتەرلىكى ياكى ئامانلىقىغا كېپىللىك قىلىشتىن باشقىنى ئويلىيالمايۋاتقانلىقىنى، قۇربى يەتكەن ئىنسان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلارنى كۆز يېشىدىن قۇتۇلۇپ نورمال ئائىلە ھاياتىدا ياشاشقا ئىگە قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئايال 2015-يىلى ئىيۇلدا تايلاند ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 173 ئۇيغۇر بىلەن بىرگە كەلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەرلىرى تايلاندتا تۈرمىدە قېلىپ قالغان ئىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى