盘点,2018年养猪场喜爱的几款养猪设备

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر دىيارىدا چوشقا باقمىچىلىقى ئىگىلىكىنى داۋاملىق كېڭەيمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىخۇ رايونىدا چوڭ كۆلەملىك يەنە بىر چوشقا باقمىچىلىق فېرمىسى قۇرماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆتكەن يىلى مەزكۇر مۇسۇلمانلار رايونىنى خىتايدىكى ئەڭ چوشقا باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنى چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن قەشقەر، باي، چەرچەن قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلىرىدە چوڭ كۆلەملىك چوشقا باقمىچىلىق فېرمىلىرى قۇرۇلغان.

لېكىن مەزكۇر پىلان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار مەزكۇر پىلان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچلىقى» نىڭ بىر پارچىسى، ئۇنىڭ مەقسىتى «ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلامىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلاتسىيەنى تېزلىتىش» دەپ ئەيىبلىگەن. خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شىخودا قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ كۆلەملىك چوشقا باقمىچىلىق فېرمىسى شىخونىڭ شىمالىدىكى بىڭتۇەن 7-دەۋىزىيەگە قاراشلىق خۇياڭخې شەھىرىدە قۇرۇلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر فېرمىنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى، دەسلەپكى قەدەمدە ئاز كەم 10 مىڭ تۇياق چوشقا بېقىلىدىغانلىقى، 2021-يىلى 30 مىڭ تۇياققا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي داىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چوشقا باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىسكە زورلاپ، چوشقا گۆشى ئىستېمال قىلىش-قىلماسلىقنى ئۇلارنىڭ كومپارتىيىگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق ياكى ئەمەسلىكىنى سىناشتىدىكى ئۆلچەم قىلىۋالغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى