ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 12-ئىيۇل، توكيو.

ياپونىيە پايتەختى توكيودا شۇ جاي ۋاقتى 12-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

نامايىش يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان، يېقىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئەخمەتجان ئەپەندىئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 12-ئىيۇل كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلى بۇ نامايىش «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما 5-ئىيۇل كۈنى توكيو شەھىرىدە سايلام ئۆتكۈزۈلگىنى ئۈچۈن نامايىش بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلۈپ، 12-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نامايىش ياپونىيەدىكى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشىنى ياپونىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قوللىغان. نامايىش جەريانىدا ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار پائالىيىتىنى قوللىغۇچى سىياسىي ئەربابلاردىن «ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى ناگائۇ تاكاشى ئەپەندىنىڭ مەكتۇپى بىلەن خوڭكوڭلۇقلارنى قوللىغۇچى پارلامېنت ئەزاسى يامائۇ خانىمنىڭ مەكتۇپى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئىجرائىيە رەئىسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندىمۇ 13-ئىيۇل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

خالمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12-ئىيۇلدىكى بىرلەشمە نامايىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياپونىيەدىكى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا بىر ئاي ئىلگىرىلا «تەييارلىق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ تەييارلىقى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن ياپونىيەلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەر بىلەن ياپونىيەدىكى تىبەت ۋە تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەرمۇ قوللايدىغانلىقى ۋە نامايىشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12-ئىيۇلدىكى نامايىشقا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان، مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ يېتەكچىلىك قىلغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، نۆۋەتتە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پەخرىي رەئىسى سۈپىتىدە جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېقىندىن ھەمكارلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، 12-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بىرلەشمە نامايىشى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن مۇداپىيە كۆرۈش مەزگىلىدە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك ئاممىۋى نامايىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان ئەپەندى ۋە ئىجرائىيە رەئىسى خالمەت ئەپەندىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12-ئىيۇل كۈنىدىكى بىرلەشمە نامايىشقا 350 تىن 400 گە قەدەر كىشى قاتناشقان. نامايىشچىلار سېپىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئېسىلغان كۆك رەڭلىك ئاپتوموبىلدا شەرقىي تۈركىستان مارشى، خوڭكوڭ مارشى ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئاڭلىتىلغان. ئاندىن بىر مىنۇتتىن تەكرار-تەكرار ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ياپون تىلىدا ئاۋازلىق ئاڭلىتىش ئېلىپ بېرىلغان. 4. 5 كىلومېتىردىن 5 كىلومېتىردەك مۇساپىنى پىيادە ماڭغان نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، خوڭكوڭ، تىبەت، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، يول بويى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ ماڭغان.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش نامايىشى ئىككى كۈندىن بۇيان ياپونىيە تاراتقۇلىرىدا دىققەت قوزغىغان. 12-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق بىرقانچە مۇھىم تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى نامايىش مەيدانىغا كېلىپ، نەق مەيداندىن مەلۇمات بەرگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى