China sanctions Cruz, Rubio, Smith, Brownback for criticism

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنى «جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا» چاقىرغان ھەمدە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىچىدە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە تېد كرۇز ، ئامېرىكا ۋەكىلى كىرىس سىمىس ، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنىك قاتارلىقلارغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزمەكچى بولغان خاتا قارارىدىن دەرھال يېنىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىقىغا ھەمدە خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا چاقىرغان. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزمەكچى بولغان بۇ جازانىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ، ئەمما جازانىڭ  نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.
ئامېرىكانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان جازاسى بولسا –  شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىققا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكادىكى بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ،  ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەش ۋە ئۇلارغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرىچە ، 2015-يىلدىن باشلاپ بېيجىڭنىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق شۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەر قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامالغان.

مەنبە: CNN