خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت بازىلىرىغا«غەربىي قىسىم پىلانى» نامىدا نۇرغۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

« شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېلان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بېرى ، شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىغا 2392 نەپەر خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ، ئۇلار بۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، قېزىش بازىلىرىدا مۇھىم ھەم يۇقۇرى خىزمەتلەرگە قويۇلۇپ، ئەتىۋارلانغان.