12-نويابىر كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، گېرمانىيە، شۋېتسىيە، ئەنگىلىيە، تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40-يىللىرىدا قەشقەر ۋە غۇلجانى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلىدى.
11-ئاينىڭ 9 – 10 – كۈنلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى ئاخىرلىشىشى بىلەن، يەنى 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراكىدا 1933 -يىلى ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىرلىكتە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكادىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى، كالىفورنىيە شىتاتى ۋە بوستون قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە رابىيە قادىر خانىم، پروفېسسور شان روبېرتس، غۇلامىدىن پاختا قاتارلىق كىشىلەر مەخسۇس سۆز قىلىپ، 1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئېلىپ بارغان مۇستەقىل ۋە زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش يولىدىكى ھەر ئىككى قېتىملىق تىرىشچانلىقى گەرچە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۈرەش تارىخى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك چۈشەنچىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
بۇ يىللىق «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ناھايىتى داغدۇغىلىق بولغان. ئەنقەرەدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان تۈركىيەنىڭ ئىيى پارتيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فەخرەتتىن يوقۇش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى «ئۆزىنى ئىنسان دەيدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەك» دېگەن.
ياپونىيە، كانادا، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىمۇ مول مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. بولۇپمۇ ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ناملىق پائالىيەتتە ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئېچىلغان كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر فوتو سۈرەتلەر ۋە ماتېرىياللارنى كۆرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا تەيۋەن، باڭلادىش قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مەلۇم.