ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردىياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى شىنزو ئابې 8-ئىيۇل، يەنى جۈمە كۈنى ياپونىيەنىڭ نارا شەھىرىدە سايلام نۇتۇقى سۆزلەۋاتقاندا، قوراللىق سۈيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. 2022-يىلى 8-ئىيۇل.

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى شىنزو ئابې 8-ئىيۇل، يەنى جۈمە كۈنى ياپونىيەنىڭ نارا شەھىرىدە سايلام نۇتۇقى سۆزلەۋاتقاندا، قوراللىق سۈيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇ بۇ يىل 67 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ياپونىيەنى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى.

شىنزو ئابې ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۇنى قوللىغان ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بولۇپ، ئۇ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا ھەم شۇنداقلا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن.

شىنزو ئابې 2007-يىلى 11-ئايدا پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيەدە قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەھمۇت ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىۋاستە ۋە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، شىنزو ئابېنىڭ بۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىدىن ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق قايغۇلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ شىنزو ئابېنىڭ ياپونىيە سىياسىي ساھەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ۋە قوللاشقا ئېرىشىشىدە زور رول ئوينىغان شەخس ئىكەنلىكىنى، ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدىمۇ ئۇنىڭ رولى بارلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىنزو ئابېنىڭ 2008-يىلى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى، ئۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار مەسىىلىسىنىڭ تېخى دۆلەت دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىنىپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن شىنزو ئابېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلسىگە بۇرۇندىن تارتىپ قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئەينى چاغدىكى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياپونىيەنى زىيارەت قىلغاندا تۇتقۇندىكى تارىخچى توختى مۇزارت ئەپەندىنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىكەن. بۇندىن باشقا شىنزو ئابېنىڭ 2019-يىلى 28-ئىيۇن ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئېچىلغان «G-20» يىغىنىدىن بىر كۈن ئاۋۋال خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەقققىدىكى ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالغانلىقى مەلۇم. ئەينى چاغدا خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما خەۋەرلىرى» تورى شىنزو ئابېنىڭ ئۇچرىشىشتا خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندا، شى جىنپىڭغا «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى بەكمۇ مۇھىم،» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى سۆزىدە ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شىنزو ئابېدەك ياخشى چۈشىنىدىغان بىر سىياسەتچىنىڭ يوقلىقىنى ۋە بۇنداق بىر سىياسەتچىنىڭ تەربىيەلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇزۇن يىل كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا شىنزۇ ئابېنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىنى «ئىنتايىن زور يوقىتىش» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن شىنزو ئابېنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەزىيە باياناتىدا، ئۇنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان ۋە بۇ ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشنى ھەمىشە تەشۋىق قىلغان بىر سىياسىيون ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ياپونىيىگە رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا ياپونىيىدە مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، دېموكراتىك قىممەت قاراشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ياپونىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ياپونىيە ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان قىممەتلىك تۆھپىسىدىن مىننەتدار. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇنىڭ ئۇلۇغ خىزمەتلىرىنى ۋە سىياسىي ھاياتىدا قوغدىغان پرىنسىپلىرىنى داۋاملىق ئەستە ساقلايدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە ھەردائىم ئەسلىنىدۇ.»

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ بۈگۈن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شىنزو ئابېغا چوڭقۇر تەزىيەسىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «مەن شىنزو ئابېنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇردۇم. ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغان، يىراقنى كۆرەر، ئەخلاقلىق رەھبەر ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-غورورى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چوڭقۇر تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن. ئۇ تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ رەھبەرلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەسلىنىدۇ.»

شىنزو ئابېنىڭ سۇيقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا تەزىيەسىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن باياناتىدا ئۆزىنىڭ سەپدىشى ۋە دوستى شىنزو ئابېنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چىمپىيونى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئامېرىكا بۇ ماتەم كۈنىدە ياپونىيە بىلەن بىر سەپتە» دېگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 1954-يىلى 21-سېنتەبىر توكيودا داڭلىق سىياسەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بوۋىسى ۋە چوڭ تاغىسى ھەر ئىككىلىسى ياپونىيەگە باش ۋەزىر بولغان ئىكەن. شىنزو ئابېنىڭ دادىسى ياپونىيەدىكى ئوڭچىل لېبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق باش كاتىپى بولغان ئىكەن.

شىنزو ئابې سىياسىي ساھەگە كىرىپ، تۇنجى قېتىم 1993-يىلى، يەنى 38 ياشتا ياپونىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 2000-يىللاردا بىر قانچە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 2003-يىلى لېبىرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى بولغان. تۆت يىلدىن كېيىن ئۇ مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان.

شىنزو ئابې 2006-يىلى بىر يىل ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن ئىستىپا بەرگەن. ئاندىن 2012-يىلىدىن 2020-يىلغىچە يەنە بىر قېتىم باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن. ئۇ 2020-يىلى 9-ئايدا سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە سىياسىي ساھەسىدە يەنىلا زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئىدى.

شىنزو ئابې ياپونىيەدە ئەڭ ئۇزۇن باش ۋەزىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ياپونىيەدە دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە تاشقىي سىياسەتكە ئائىت كەسكىن سىياسەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۆزگىچە ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزگەن شەخستۇر.

شىنزو ئابېغا سۈيىقەست قىلغان 41 ياشلىق تېتسۇيا ياماگامى نەق مەيداندا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۈيىقەستنى پىلانلىشىدىكى سەۋەب تەكشۈرۈلمەكتىكەن.