
ياپونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ئەپەندى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى، باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى خەلمەت روزاخۇن ئەپەندى، گۈلىستان ئەزىز خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى خەلمەت روزاخۇن ئەپەندى ئۇچرىشىشنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلمەت روزاخۇن ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ شىنزو ئابې ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا، جۈملىدىن ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا شىنزو ئابې ئۇيغۇر ھەيئىتىگە نېمىلەرنى دېدى؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شىنزو ئابې ئەپەندى ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالغان. شىنزو ئابې ياپونىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردە، بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. شۇ چاغدا شى جىنپىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدا، قاتتىق جىددىيلەشكەن ئىكەن. ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئۇنداقتا، ياپونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغان كىشى ئىدى؟
خەلمەت روزاخۇن ئەپەندى شىنزو ئابې پارتىيە رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 2007-يىلى 11-ئايدا تۇنجى قېتىم ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياپونىيەنى زىيارەت قىلغاندا تارىخچى توختى مۇزارت ئەپەندىنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى، ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«شىنزو ئابې ئىككىنچى قېتىم باش مىنىستىر بولغان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بەردى؟» دېگەن سوئالىمىزغا خالمەت روزاخۇن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئىككىنچى قېتىملىق ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئۇ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى قاتارلىق سەھنىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى.»
خەلمەت روزاخۇننىڭ تەكىتلىشىچە، 2018-يىلى 26-ئۆكتەبىر ۋە 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە شىنزو ئابې شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.
خەلمەت روزاخۇن يەنە مۇنداق دېدى: «2019-يىلى 7-ئايدا 22 دۆلەت يىغىنىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇشنى ئەيىبلىدى ۋە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيە غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان ئاسىيادىكى بىردىن-بىر دۆلەت. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنزو ئابېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز.»
شىنزو ئابې بۇ يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.