ياپونىيەلىك ئەدىب مىزۇتانى نوكو خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىرنى قوللايدىغان ھەرىكەتلەردە بولغان،» دەپ قارىلىپ، خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن.
نەچچە كۈن ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىزۇتانى نوكو ئىلگىرى خىتاينى ئەيىبلەپ كىتاب يازغان ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ بۇ كىتابى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىتايغا قايتا كىرىشىگە ئانچە چوڭ چەكلىمە پەيدا قىلمىغان ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم مىزۇتانىنى «رابىيە قادىر بىلەن بىر سەپتە بولغان» دەپ ئەيىبلەپ، بۇ يىل 27-فېۋرالدىن باشلاپ ئۇنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەن.
مەزكۇر ئۇچۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان. بەزىلەر مىزۇتانى نوكونىڭ خىتايغا قايتا كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.