2018.10.25

25-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا «ھۆر ھىندى-تىنچ ئوكيان بىرلىكى» دەيدىغان بىر تەشكىلات قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى رەئىسلىكىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

رادىئومىزنىڭ ياپونىيەدىن ئىگىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، تەيۋەن، خوڭكوڭ، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن. يىغىندا رابىيە قادىر خانىم «ھۆر ھىندى-تىنچ ئوكيان بىرلىكى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ياپونىيەلىك ھىتتوشى ئىشىئى، تىبەتلىك تاشى سېرىڭ ئەپەندىلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىم يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.