enjuman-2018-01.JPGجورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 27-ئىيۇل. ۋاشىنگتون د. س.، ئامېرىكا.

27-ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى» ئېچىلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ باش قوشۇشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 27-ئىيۇل جۈمە كۈنى، ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى» باشلاندى. ۋاشىنگتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:30 دا باشلانغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاڭلىغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئېچىلىش سۆزىدە بۇ يىغىننىڭ مەقسەت-تەرتىپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. رابىيە خانىم سۆزىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشتا ئوينايدىغان رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى بۇ «ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە، ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسى مۇدىرى، پروفېسسور شان روبېرتىس ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. ئۇ يىغىن زالىدىكىلەرنى ئۇيغۇرچە سالام بىلەن قارشى ئالدى. ئۇ سۆزىدە، ئالدى بىلەن بۇ يىغىن مەيدانى جايلاشقان ئورۇننىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئورۇنلۇقىنى، بۇ يەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكى، شۇڭا كېلەچەكتە يەنە مۇشۇنداق يىغىنلار ئېچىلماقچى بولغان تەقدىردە ئۆزىنىڭ داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شان روبېرتس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇ يىغىننىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلغان ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە زور دىققەت پەيدا قىلغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ يىغىنلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەرنى تۈگىتىشتە ئەھمىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شان روبېرتس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىگە، يەنى 21-ئەسىردە ئىنسانىيەت دۇنياسى كۆرۈپ باقمىغان ئېغىر ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ: «مەن ۋە مۇشۇ يەردىكى ھەممىمىزنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش قايتا تەربىيە لاگېرلىرىدۇر. بۇ لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىدىن قارىغاندىمۇ ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس بەلكى دائىملىق مۇئەسسەسە ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بىزدە لاگېرلار ھەققىدىكى تولۇق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ ئەمما كۈنسايىن يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر پسىخىك بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم» دېدى. ئۇ سۆزىدە تارىختا يۈز بەرگەن يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق، كامبودژادىكى قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى قاتارلىق پاجىئەلەرنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ: «مەن بۇ ئەسىردە بۇنداق مۇئەسسەسىلەر مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا قارشى سۆز قىلىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى» دېدى. پروفېسسور شان روبېرتس ئەپەندى بولسا يەنە، ھازىر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينى تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭمۇ يىللاردىن بېرى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن «ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش»، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، خىتاينى ئوچۇق تەنقىد قىلىشتىن قېچىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ھەرقايسى خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن زور رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما شان روبېرتس ئەپەندى سۆزىدە يەنە «ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى قىلىشى كېرەكلىكى» نىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئېچىلىش نۇتۇقلىرىدىن كېيىن مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى يىغىن ئاڭلىغۇچىلىرىغا يىغىننىڭ كۈن تەرتىپلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ، يىغىننىڭ دوكلات قىسمىنى رەسمىي باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىن ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا زىيالىيلار قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسىدىكى ئورنى، لىدېرلىق ئۇسلۇبلىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان مەزمۇنلاردا دوكلات سۇنىدىكەن. دوكلات ئاخىرىدا گۇرۇپپا مۇزاكىرىلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن ۋە ھەرىكەت پىلانى مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ خۇلاسە قىلىنىدىكەن.