
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش» نامىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقى كۆپ قىسىم مەتبۇئاتلاردا يەر ئالدى.
ئىلگىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا غوللۇق رول ئويناۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان بولسا، نۆۋەتتە چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقىنى بار ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
پائالىيەتچىلەر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، بۇ خىل بېسىمنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارنى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن قېچىشى زور گۇمانلارنى پەيدا قىلدى
ئۆتكەن ھەپتە غۇلجىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ بىرىدىن قېچىپ كەتكەن پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.
تۇتۇش بۇيرۇقىدا پەيزۇللا ئۇتۇق «ئات ئوغرىلاش» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكۈچى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە «سىياسىي» سەۋەب بىلەن «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، يارىدار ھالەتتىكى پەيزۇللا بىر دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى تۇتۇشقا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 100 مىڭ سوم ماددىي مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ غۇلجا، سۈيدۆڭ قاتارلىق جايلاردا ئىز قوغلاش ۋە ئۆي ئاختۇرۇشى ئارقىلىق پەيزۇللانى 6-كۈنى بىر مازارلىقتا تۇتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابى تەنقىدلەندى
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانداق قوغداۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.
ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە ئېلان قىلىنغان بۇ كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەمدە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن قايسى دەرىجىدە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
ئەمما خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ «دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئالاھىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەنلىكى» نى تەكىتلەۋاتقانلىقى مەلۇم.
مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالماقتا
2017-يىلى يازدا مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى تۇتقۇندا مىسىردا قانۇنلۇق ئوقۇۋاتقان 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى. يېقىندا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخپىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىدى.
ھازىرغىچە خىتاي ياكى مىسىر ھۆكۈمەتلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولغانلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئىزچىل تەشۋىشكە سېلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ داۋاملىق ھالدا مىسىر ھۆكۈمىتىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدەك-سورىقىنى قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرىدىن ماركو رۇبيو ۋە كرىستوفېر سىمىت قاتارلىقلار ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىگە بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر مەكتۇپتا ھازىر 500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغانلىقى، بۇ مەركەزلەرنىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئالاقىدار تەشكىلاتلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ مەكتۇپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنىڭ تېزرەك ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى
د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى تاشقى دۇنياغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كەلمەكتە.
ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولغان د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن ئۆمەر قانات، دىلشات رىشىت، ئىلھام مەھمۇت قاتارلىقلار ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە ياپونىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە مەلۇماتلار بەرگەن.