
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا مەخسۇس ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تۈرك سىياسىيونلىرى، بىلىم ئادەملىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى پائالىيەتلىرى ئاڭلىتىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلدى شۇنداقلا تۈرك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپ-پىكىرلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئابدۇلخالىق چاي ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى ياخشىلانمىغىچە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئادەمدەك مۇئامىلە قىلمىغۇچە خىتاينى دوستىمىز دەپ ئېلان قىلىش جىنايەتتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. مەن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردە كۆپ قېتىم تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىغا ساھىپخانلىق قىلدىم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتايغا تەكلىپ قىلغان بولساممۇ، لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كىرەلمىدۇق. رابىيە قادىر خانىم كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇئاۋىنىنى تەكلىپ قىلىپ 11 قېتىملىق تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدۇق. خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارغا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى تۈگۈمىگىچە، تۈركىيە خىتاي بىلەن دوست بولالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا دېيىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
تۈركىيەدە بەزى كىشىلەر ئۆمۈر بويى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ، ئىزچىل ھالدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ كىشىلەردىن بىرى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلقادىر دونۇق ئەپەندىدۇر. ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ياخشى ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر نەرسە شۇكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەدىن كۆپرەك باشقا دۆلەتلەردە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. تۈركىيەدە ئاۋازىمىزنى ئۆز ئىچىمىزدىمۇ ياخشى ئاڭلىتالمايۋاتىمىز. بۇنى ھەم تۈركىيەدە ھەم خەلقئارادا ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا بۇ ھەقتە ياخشى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە ساختا تۇغقان ھازىرلاپ خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپتۇ، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار بىر مىليونغا يېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. بىز بۇنى توسۇش ئۈچۈن زادى نېمىلەرنى قىلالايمىز، بۇ ھەقتە جىددىي باش قاتۇرۇشىمىز كېرەك. خىتاي دۇنياغا خوجايىن بولىمەن دەۋاتقان بىر دۆلەت. ئەگەردە خىتاي بۇ چۈشنى چۈشەيدىكەن، يەنى دۇنياغا خوجايىن بولىمەن دەيدىكەن، دۇنيانىڭ قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. شۇڭا مەن بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پاش قىلىش دەپ ئويلايمەن. بىز ئىتتىپاقلىشىپ تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.»
ئىستانبۇلدىكى رۇمەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كۆز ئالدىمىزدا بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە خىتاي تۇرۇپتۇ. بىز بۇنداق بىر دەرىجىدىن تاشقىرى خىتايغا قارشى زادى نېمىلەرنى قىلالايمىز دېگەنلەرنى ئويلىسا كىشى ئۈمىدسىزلىنىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئىشلار ئۇنداق بولۇۋەرمەيدۇ. مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن. خىتاي مۇشۇنداقلا داۋام قىلىدىغان بولسا ئالدى بىلەن ياپونىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىتا ئېغىر خەۋپ ۋە تەھدىت ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇ دۆلەتلەر خىتاينى توسۇش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئېنىقكى خىتايدا ئالدىمىزدىكى يىللاردا چوقۇم قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى كېرەك؟ كەلگۈسىگە نىسبەتەن قانداق تەييارلىقلاردا بولۇشى كېرەك؟ قۇرۇلتايلاردا بۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك. مەنچە، ئۇيغۇرلار ھەر ساھەدە ئادەم تەربىيىلەپ مۇستەقىللىققا تەييار بولۇشى كېرەك. خىتاي تۈركىيەدىكى بەزى كىشىلەر تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ئۇنچىلىك كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس. بىر دۆلەتتە دېموكراتىيە، ئەركىنلىك بولمىسا، ئۇ دۆلەت ھەرگىزمۇ كۈچلۈك دۆلەت بولالمايدۇ.»
بۇ د ئۇ ق نىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە بۇنداق بىر يىغىن چاقىرىشى ئىكەن. ئۇنداقتا، د ئۇ ق بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتىگە يەتتىمۇ؟ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى بەزى بوشلۇقلارنى ھېس قىلدۇرغانلىقىنى، د ئۇ ق نىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىرى ئۈچۈن پايدىلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
25-مارت كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇل، ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.