2018.02.26

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 25-فېۋرال كۈنى بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئىز-دېرىكى بولمىغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان قېرىنداشلىرى ھەم تونۇش -بىلىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە چاقىردى.

ئۇقتۇرۇشتا قۇرۇلتاينىڭ ب د ت ئالاقىدار ئورگانلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلى» ھەققىدە دەلىل-ئىسپات سۇنۇشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدە مەركىزى نۇقتا ۋە ئالدىنقى رەتتىكى مەسىلە سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا. ئالدىنقى ھەپتە ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىمۇ «يېپىق لاگېر» مەسىلىسىنى ياپونىيەدە نۇقتىلىق ھالدا تونۇشتۇرغان ئىدى.

تۈركىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاپىسى ۋە ئايالىنىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرى» غا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە ئۇ يەردىكى كەچمىشى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە تەسىراتىنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرچە «ئىستىقلال» تور تېلېۋىزىيەدە ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان ۋە كەڭرى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئۆزلىرىنىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» دىكى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىدىن باشقا يەنە «يېپىق لاگېر» غا ئالاقىدار ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ياكى شەخسىي ساقلاپ كېلىۋاتقان رەسىم، ئاۋاز ۋە يازما ئۇچۇرلار بولسىمۇ يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.