ئالدىنقى ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېچىلغان يىغىنلاردا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 22 دۆلەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى قوللىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
«CNSNews» ناملىق خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ب د ت نىڭ ئەڭ يۇقىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوغدىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بېلورۇسىيە باشچىلىقىدىكى 46 دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ ئىپادە بىلدۈرگەن. دىققەت قوزغايدىغىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى 22 سى ئۇيغۇرلارغا تونۇش بولغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان. ئۇلار بەھرەيىن، كامېرون، مىسىر، ئىران، ئىراق، ئومان، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، سۈرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، يەمەن ۋە پەلەستىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.
2019-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 22 دۆلەت خىتاينىڭشەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى قوللايدىغان 37 دۆلەت بارلىقىنى داۋراڭ سالغان. شۇ چاغدىمۇ خىتاي تەرەپتە تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاشلا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەر ئىدى. ئەينى چاغدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پەلەستىن قاتارلىقلار بۇ ھەرىكىتى سەۋەبلىك خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى