2018.02.09

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ لاگېرلارنى تاقاشتا خىتايغا قانداق قىلىپ بېسىم ئىشلىتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم جۈمە كۈنى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فۇرۇيا كېيجى، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئېتو سەيىجى ۋە ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» دىكى 12 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى ۋە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، بەزى قارارلار ئېلىنغان. يىغىندا ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» دىكى 30 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تاقاشقا چاقىرىش، ئۇيغۇر دىيارىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، تەن جازاسى ۋە قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار قارار قىلىنغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئازراق يۇمشاشقا باشلىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇنىڭدىن ياپونىيەنىڭ خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تارو كونو بۇنىڭغا ئوچۇق ۋەدە بەرمىگەن. ئۇ پەقەت ياپونىيە «تىبەت ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ،» دېگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى 5‏-فېۋرال باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.