2017.03.08
turmemet-yighin-soz.jpgياپونىيە پارلامېنت بىناسىدا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. 2017-يىلى 7-مارت، ياپونىيە.

7-مارت ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان 49-نۆۋەتلىك ياپونىيە كۇرىئاتكې ئۇيۇشمىسى ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.

يىغىندا ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسۇمۇنې، ياپونىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ گېنېراللىرىدىن ئىمامىچى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىلگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا يىغىندا يەنە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

ياپونىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا 400 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىن شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان.

ياپونىيە پارلامېنتى يىغىن زالىدا چاقىرىلغان 49-نۆۋەتلىك ياپونىيە كۇرىتاكې ئۇيۇشمىسى ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم يىغىندا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋادا ماسامۇنې ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئاراللارغا بولغان تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىپ ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسامۇنې ياپونىيە قەلب پارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا «ياپونىيە دۆلەت سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات سۆزلەپ، دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ بىر قانچە قېتىم ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر بەزى بىر لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېدىن سوئال سورىغانلىقىنى قەيت قىلغان شۇنداقلا ئۇ، ئۆزىنىڭ يېقىندا ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى بىر تەكلىپ لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش قوماندانى، گېنىرال ئىۋاناگا ياپونىيەنىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن ۋە شۇنداقلا ياپونىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا كەلگۈسىدە قانداق شەكىلدە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت ياپونىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرى توغرىسىدا توختالغان.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيەلىك ئاتاقلىق ژۇرنالىستلاردىن ساتو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۈگۈنكى يىغىن ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن. مەن بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى بىر يېڭى تاشقى سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار بولدۇم» دېدى.

ياپونىيە كۇرىتاكې ئۇيۇشمىسى ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرىدىن ئىمامۇچى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «يىغىنىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. يىغىندا ياپونىيەدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى سىياسىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، يىغىن ئەھلىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار قىلدۇق ۋە كۆپچىلىكنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردۇق» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان كۇرىتاكې ئۇيۇشمىسى ئاسىيا مۇنبىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ساھىبخانا بولغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.