
خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا 8 ئادەم ئۆلگەن
14-فېۋرال چۈشتىن كېيىن خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 8 ئادەم ئۆلگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەنى پىچاقلىق 3 كىشى پەيدا قىلغان. ئەمما دائىرىلەر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى، ھۇجۇمچىلارنىڭ مۇددىئاسىغا دائىر ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى. نۆۋەتتە پۈتۈن خوتەن مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئەگەردە رايوندىكى قارشىلىقنى پەسەيتىمەن دېسە، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، دېدى.
رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدە بىر يۈرۈش مۇھىم پائالىيەتلەردە بولدى
11-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر يۈرۈش مۇھىم پائالىيەتلەردە بولدى.
بۇ جەرياندا رابىيە خانىم ياپونىيە پارلامېنتى، كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتى قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەرگەن. 13-فېۋرال كۈنى ئۇ توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىدا ياپونىيەلىك ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بەرگەن دوكلاتى ياپونىيەدىكى ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا 7 كىشى توردا «تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىق ۋە باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ يېقىندا 7 كىشىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «دىنىي رادىكاللىق» ۋە «تېررورلۇق» قا دائىر زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋە تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ، تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 5 نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇلار 21 ياشتىن 34 ياشقىچە بولۇپ، ئىككى نەپىرى ئايال كىشى ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقان تور ساھەسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق «تازىلاش» ھەرىكىتى ئىكەن.
چەتئەللەردىكى پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇردى
11-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2016-يىللىق تەپتىش خىزمىتى خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا جەمئىي 835 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلارنىڭ 687 نەپىرى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن 148 نەپىرى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق جىنايىتى بىلەن جازالانغان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا رادىيومىز ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «سىياسىي مەيدان» مەسىلىسى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ ۋە مۇھىت كرىزىسىدىن شىكايەت قىلماقتا
سۇ – تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ جىددىي، ئەڭ زۆرۈر ۋە سەل قاراشقا ئەسلا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلگەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش سۈرئىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە تېزلىشىشى ھەمدە رايونغا تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئېغىر دەرىجىدە سۇ ۋە مۇھىت كرىزىسى كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاساسىي قاتلامدىكى يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ سۇ مەسىلىسى ھەققىدىكى شىكايەتلىرى بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ دەلىللىمەكتە.
ئالماتادا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان
يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى: فوتوماتېرىياللار، ھۆججەتلەر ۋە مۇكاپاتلار» ناملىق سۈرەتلىك توپلام نەشر قىلىنغان.
توپلامنىڭ ئاپتورى مارات يۈسىموف بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە خىزمەت قىلغان كىشىلەر ئىكەن. بۇ كىتابقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930- ۋە 1940-يىللاردىكى ۋەقەلىرىگە قاتناشقان 150 تىن ئارتۇق تارىخىي شەخسنىڭ رەسىمى، قىسقىچە ئۆمۈر بايانى ۋە ئاشۇ دەۋرىنى يورۇتىدىغان 120 دىن كۆپرەك تارىخىي سۈرەت بېرىلگەن.
قازاقىستاندىكى سىياسىيون ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مەزكۇر توپلامنىڭ 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە، دېدى.