بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاينى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇس سەۋەبلىك ئىزچىل تەنقىد قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
4-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ دۆلەت بايرىمى، يەنى مۇستەقىللىق كۈنى بولۇپ، ئۇ كۈنى ئاقسارايدا رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پرېزىدېنت دونالد ترامپ نەق مەيدان تارقىتىشى ئارقىلىق 380 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكالىققا بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان نۇتقىدىمۇ خىتاينى نىشانغا ئالدى.
ترامپ نۇتقىنىڭ شۇ قىسمىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېدى: «خىزمەت پۇرسەتلىرى ۋە شىركەتلەر دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىۋاتىدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئامېرىكادىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان يات ئەللەرگە جازا تەدبىرلىرىنىڭ كۈچى كۆرسىتىلىپ، بىزنى بىزگە پايدىلىق تىجارەت كېلىشىملىرى ھاسىل قىلىندى. بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا دۆلەت خەزىنىسىگە نەچچە يۈز مىلياردلىغان دوللار تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. بىراق بىز يەنە خىتايدىن كەلگەن ۋىرۇسنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدۇق.»
پرېزىدېنت ترامپ سۆزى داۋامىدا يەنە مۇنداق دېدى: «. . . بىز ھازىر ئىلگىرى دەل مۇشۇ ۋىرۇس تارقالغان خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىپ كەلگەن سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلىدۇق. خىتاي ۋىرۇس مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماي سىر تۇتۇپ، ساختىپەزلىك قىلىپ ۋىرۇسنىڭ دۇنيادىكى 189 دۆلەتكە يېيىلىشىغا يول ئاچتى. خىتاي بۇ مەسىلىدە چوقۇم تولۇق جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە بۇ خىلدىكى دۆلەت نۇتۇقلىرىدا بىرەر دۆلەتنىڭ ئوچۇق نىشانغا ئېلىنىشى كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال بولغاچقا، بۇ نۇتۇقنى ئالاھىدە دەپ قاراشقا بولىدىكەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى خىتاينىڭ نۇتۇقتا تىلغا ئېلىنغان بىردىن-بىر دۆلەت بولۇشىنى ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ نامايەندىسى، دەپ كۆرسەتتى.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 6-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە پرېزىدېنت ترامپ تىۋىتتېردا يەنە خىتاينى نىشانغا ئالغان بولۇپ، ئۇ «خىتاي ئامېرىكاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى زور زىيان سالدى!» دېدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ پرېزىدېنت ترامپنىڭ نۇتقىدا خىتاينى نىشانغا ئېلىشىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋاللىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ۋىرۇس مەسىلىسىدە ئامېرىكا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەندە تىۋىتتېر ۋە فېيىسبۇك ئارقىلىق بىر پارچە قىسقا ۋىدىيو تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار ۋېدىيودا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋىدېيودا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىندى: «بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر بالىلىرى مەكتەپلەردە ئۆز ئانا تىلىنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇلارنىڭ مەكتەپلەردە ناماز ئوقۇشىنى، دىنى يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلىگەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، دائىرىلەر يەنە بۇ بالىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىشىنىمۇ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي تىلىدىن باشقا ھەرقانداق تىلدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشىنىمۇ چەكلىگەن. بۇ مەكتەپلەر بالىلارغا پىكىر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش ئورنىغا شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلماقتا.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر بالىلىرىغا بېغىشلىغان بۇ قىسقا ۋىدىيوسىدا يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسى بىلەن چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى، يىلتىزىنى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكنى ئۆچۈرۈشنى توختىتىشى كېرەك،» دەپ چاقىرىق قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە قىسقا ۋىدىيولارنى تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرى بويىچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە دۇنياغا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، بۈگۈن يەنى 6-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارىتىنىڭ بىر قىسمىنى تىۋىتتېر ۋە فېيىسبۇكتا ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ۋىدىيودا «ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان زۇلۇم دۇنيا تارىخىدا يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزۈلگەن قىرغىنچىلىقتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمدۇر،» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇملىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش پەقەت ئامېرىكانىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى، دەپ تەكىتلىدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى