seyit-tumturk-shinzo-abe-yardemchi-eto-seyji.jpgد ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ياردەمچىسى ئېتو سېيجى ئەپەندى بىلەن. 2017-يىلى 15-فېۋرال، توكيو.

11-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق ھەيئىتى 15-فېۋرال ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

پائالىيەتتىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ياردەمچىسى ئېتو سېيجى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

بۇ قېتىمى سۆھبەتكە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.

مەزكۇر سۆھبەتتىن كېيىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ئۈمىد خەمىت ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىملار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردى.