تەيۋەندە چىقىدىغان «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
«تەيۋەن ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى» نىڭ مەزكۇر گېزىتكە بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە خانىمنىڭ بۇ قارارى «بەزى شەخسلەرنىڭ بۇ ئىشقا بىۋاسىتە ئارىلاشقانلىقى» سەۋەبلىك ئېلىنغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال رابىيە خانىم بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا قارىتا «مەن تەيۋەننىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزۈمنى پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنى بەكمۇ خالايمەن» دېگەن ئىدى.
«تەيۋەن ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى» دىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە «بىر قىسىم ئالاقىدار شەخسلەر رابىيە قادىر بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشكەن ھەمدە ئۇنى ھازىرچە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە ماقۇل كەلتۈرگەن.» ئەمما بۇ «ئالاقىدار زاتلار» نىڭ كىملەر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
رابىيە خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ «ھازىر تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك پەيتى ئەمەسلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت پىلانىنى بىكار قىلىۋەتتىم» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىزچىل قارشى تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى «رابىيە قادىرنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرىدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.