
24-يانۋار ئەتىگەن تەيۋەننىڭ مەركىزى تەيبېيدىكى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە تەيۋەندىكى سىياسىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تەيۋەن ئىتتىپاقى بىرلىكى تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە رەسمىي تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تەيۋەن ئىتتىپاقى بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ليۇ يىدې ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت قاتارلىقلار قاتنىشىپ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
تەيبېيدىكى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئەتىگەن سائەت ئوندىن ئون بىرگە قەدەر بىر سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا تەيۋەندىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشقان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەقتىكى نەق مەيدان تېلېفون سۆھبىتىمىزدە بولغاي.