arman-muxbir-ziyaret.jpgياپونىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياپون ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئارمان مەكتەپ ياتىقىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2017-يىلى 4-يانۋار.

ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان، ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياپون ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئارمان يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە مومىسىنى يوقلاش ئۈچۈن بارغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن سوئال-سوراق قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان، ياپونىيە پۇقراسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئارمان ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپلا ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇدا 3 كۈن سوراق قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مومام بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆيدە ئەتىگەنلىك چاي ئىچىپ ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىزلا ئىشىك چېكىلىپ پۇقراچە كىيىنگەن ئىككى خىتاي ۋە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇلاردىن بىرى مومامغا قاراپ ئۇيغۇر تىلىدا: «ياپونىيەدىن كەلگەن نەۋرىڭىز قايسى؟» دېدى. يېشى سەكسەنگە يېقىنلاشقان مومام قورقۇپ جىددىيلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئېغزى گەپكە كەلمەيلا قالدى. مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ «ياپونىيەدىن كەلگەن مەن» دېدىم. ئۇلار مېنىڭ ئۈستى‏- بېشىمغا بىر قارىۋەتتى: «بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى، سەن بىلەن سۆزلىشىدىغان ئازراق گەپ بار ئىدى. بىز بىلەن بىرگە ماڭ» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مومام ئۇن سېلىپ يىغلاپ: «مەن نەۋرەم كەلگەندە مەھەللىدىكى ساقچىخانىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇنى ساقچىغا تىزىمغا ئالدۇرغان. يەنە نېمە دەپ سىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار مومامنىڭ يىغىسىغا پەرۋا قىلماي، ماڭا: «پاسپورتۇڭنى ئېلىۋال!» دەپ بۇيرۇق قىلىپ ئۆيدىن مېنى ياللاپ ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۇلار بىلەن بىر پىكاپقا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېلىندىم. كىچىككىنە ئىشخانا ئىچىدە ساقچى فورمىسى كىيگەن 50 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر خىتاي راۋان ئۇيغۇر تىلىدا مېنى سوراق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ، ئالدى بىلەن مېنىڭ ياپونىيەدە نېمە كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىم ۋە شۇنداقلا ئاتا-ئانامنىڭ نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى بىر-بىرلەپ سوراپ چىقتى. مەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانام ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ئانچە ئەتراپلىق جاۋاب بەرمىگەن بولسام كېرەك، ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۈستەلنى مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە ماڭا قاراپ: «بىز ئىككى كۈندىن بۇيان ئاتا-ئاناڭ بىلەن تېلېفوندا نېمە دېيىشكىنىڭنى موماڭنىڭ تېلېفونىدىن ھەممىنى تەپسىلىي ئاڭلىدۇق. يالغان سۆزلىمەي راست گەپ قىل» دېدى. مەن جىم تۇرۇۋالدىم. ئۇ، بىردەمدىن كېيىن مېنىڭ پاسپورتۇمنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرۈپ، مېنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرگە نېمە ئۈچۈن بارغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن بارغانلىقىمنى بايان قىلدىم. ئۇ مېنىڭدىن يەنە، ياپونىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقىنى ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەگە كەلسە كىملەرنىڭ كۆرۈشۈپ رابىيە قادىر خانىمغا قانداق ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى سورىدى. سوئال-سوراق بۇ شەكىلدە داۋاملىشىپ، ئۇلار مېنى ئىككى سائەت سوراق قىلغاندىن كېيىن ئەتىسى ئەتىگەن يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىشىمنى ئېيتتى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئارمان، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى سوراقتا ساقچىلار تەرىپىدىن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشكە قىستالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ساقچىلار دېگەن ۋاقىت بويىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىقى ئىشخانىسىغا باردىم. بۇ كۈندىكى سوراقتا، مېنى ئىككى نەپەر خىتاي ۋە بىر نەپەر ئۇيغۇر نۆۋەت بىلەن سوراق قىلدى. سوراقتا ئاساسلىقى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قارىشى ۋە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شۇنداقلا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىشى توغرىسىدا بىر قاتار سوئاللارنى سورىدى. مەن ئۇلارغا، ‹مەن ئوقۇغۇچى بۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيمەن› دېگەن بولساممۇ، بىراق ئۇلار مېنى قىستاپ، ‹ئائىلەڭدە ئاتا-ئاناڭ ۋە دوستلىرىڭدىن ئاڭلىغان بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى دەپ بەرگىن› دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇلارغا ‹مەن ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۇيغۇر تىلىنى تازا راۋان بىلىپ كەتمەيمەن، شۇڭا ئائىلەمدە بۇ ھەقتە بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيمەن› دېدىم. سوئال-سوراق داۋاملىشىپ ئىككى سائەت بولغاندا ئۇلار مېنىڭ پاسپورتۇمنى قولۇمغا بېرىپ، ئۆيگە قايتىشىمنى ۋە شۇنداقلا ئەتە ئەتىگەندە بۈگۈنكى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بۇ يەرگە كېلىشىمنى جېكىلىدى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئارمان ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغاندا، ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىپ بېرىشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى: «مەن ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە يەنە ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم. مېنى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ساقچى سوراق قىلدى. ئۇلار ئاساسەن 40 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، ئۇلار ماڭا باشقىچە ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. مېنىڭدىن ئۆزلىرى بىلەن ئۈندىداردا ۋە تېلېفوندا پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرۇشۇمنى يەنى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۈندىدار ئارقىلىق يوللاپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى. مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ بەكلا ئالدىراش ۋە شۇنداقلا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىمنى ئېيتقان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا ‹قانچىلىك ئۇچۇر توپلىيالىساڭ شۇنچىلىك يوللاپ تۇرغىن. رەسىم ۋە سىنئالغۇ بولسىمۇ بولىدۇ› دېدى ۋە مېنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى. مەن مومامنىڭ مېنىڭ بۇ ئىشىم سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلدىم. ئۇلاردىن ئاران قۇتۇلدۇم. شۇندىن كېيىن ئۇلارنى مېنى پەقەتلا ئىزدىمىدى.»

بىز ئارماننىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئۇنى سوراق قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىقى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ياپونىيەدىن قەشقەرگە تۇغقان يوقلاپ بارغان ياپونىيە پۇقراسى بىر ئۇيغۇر خانىممۇ قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوئال-سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، سوراقتا ئاساسلىقى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر توغرىسىدا سوئاللار سورالغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار گەرچە، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن يەنىلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوئال-سوراق قىلىشىغا ئۇچرايدىكەن.