
2016-يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلار 2016-يىلدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ھەققىدە خۇلاسە، باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2016-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، 2016-يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە رادىيومىزدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدا 2009-يىلدىن بۇيان ئۇچۇر ئالاقىسى قاتتىق كونترول قىلىنغان ۋە باستۇرۇلغان بىر يىل بولغان. تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى «دىنىي رادىكاللىق، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، بۆلگۈنچىلىك» قاتارلىق ئاتالمىش جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى 2016-يىل 1-ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ www.muzika.com بىلەن www.653130 قاتارلىق ئىككى مۇزىكا تورىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق نەرسىلەرنى تارقاتقان، دەپ تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر تور پايلاقچىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشى ئارقىسىدا، مەزكۇر تور بېكەتلىرىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا زىيانلىق نەرسىلەرنى تارقاتقانلىقىنى بايقىغان ۋە تاقاش بۇيرۇقىنى چىقارغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى باياناتىدا، بۇ ئىككى تورنىڭ «تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» بىلەن «تور مۇلازىمەت باشقۇرۇش نىزامى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، 2016-يىلى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان يازمىلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەڭ كۆپ، تور يازارلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلىرىگە قارىتىلغان قارىتىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغان بىر يىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان يازمىلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن «مىسرانىم» تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەر، «مىسرانىم» تورىنىڭ كورلادىكى تور بەت باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت مارشال، «باغداش» تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەد، داڭلىق تور يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە، تۇنىياز، يالقۇن روزى، ئابدۇرازاق، ئالىمجان قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلغان يازمىلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى سەۋەب بولغان.
2016-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە،ئۈرۈمچىدە «ھالال چوشقا يېغى» مەھسۇلاتىنى توردا ئاشكارىلىغان 18 ۋە 19 ياشلاردىكى ئىككى ئۇيغۇر ياش قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ئېلانىدىكى «ھالال چوشقا يېغى» مەھسۇلاتىنى تورغا چىقىرىپ ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ئۇچۇرلار»نى تارقاتقان دېگەن گۇناھ ئارتىلىپ، قولغا ئېلىنغان.
2016-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە كەمسىتىلىش ۋە تەقىب قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2016-يىلى يازدا خېبېي ئۆلكىسىدىكى پۇتبول كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنغان توققۇز نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۇتبولچى 9-ئايدا چىڭشۈي شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردىكى خىتاي خەۋپسىزلىك تارماقلىرى «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر جايدا نورمال دەرس باشلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. 10-ئايدا ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇ بالىلاردىن 4 نەپىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
مەزكۇر ۋەقە رادىيومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.
يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى 4 ئاي ئىچىدە ئۇ ئېلان قىلغان بىر قاتار رادىكال بەلگىلىمىلەر ۋە باستۇرۇش سىياسىتى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. چېن چۈئەنگو رايوندا كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتى.
2016-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «مۇقىملىقنى قوغداش» دېگەن نامدا تېلېفون ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تورلىرىنى كىملىك كىنىشكىسى بويىچە تىزىملاش يولغا قويۇلدى. خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 7-نويابىر كۈنى يەنە «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىدى. دائىرىلەرنىڭ 2016-يىل ئاخىرىدىن باشلاپ تور بىخەتەرلىكى نامىدا ئېلان قىلىپ، يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار قاتتىق كونتروللۇق تەدبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ئەپلىرىنى قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى رايوندا 2006-يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر بەلگىلىمىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە ھەرقانداق ئۇسۇل ۋە ھەرقانداق شەكىلدە دىنىي تەربىيە بېرىشكە بولمايدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دائىرىلەر مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 1-نويابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن چۈەنگو 2016-يىلى 9-ئايدىن كېيىن يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىشنىڭ يېڭى چارە-تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. يېڭى بەلگىلىمىدە يەرلىك ئاھالىلەر نەزىر-چىراغ، نىكاھ، سۈننەت توي، خەتمە-قۇرئان، مەۋلۈت قاتارلىق دىنىي تۈس ئالغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن يەرلىك دائىرىلەرگە مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن 9-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدا «قوشماق تۇغقان بولۇش» ھەرىكىتىنى قوزغىدى. مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدىكى تەشەببۇستا ھەر بىر خىتاي كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن ئۇيغۇر تۇغقىنى بولۇش، ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇشى تەشەببۇس قىلىنغان.
2016-يىلى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن باشقا يەنە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان سىياسىي ۋە ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭمۇ پائالىيەتلىرى كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقئارالىق تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى.
خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە 2016-يىلى 8-فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيەلىك 2 ئۇيغۇر تىياتىرخانىغا كىرىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان كۆك بايرىقىنى ئاسقان ھەم شوئار توۋلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بايراق ۋە نارازىلىق ئاۋازىدىن چۆچۈگەن خىتاي تاماشىبىنلار تىياتىرخانىدىن قاچقان. فېستىۋال يېرىمىدا توختاشقا مەجبۇر بولغان.
25-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. يىغىندا يەنە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى، شۇنداقلا چەتئەلگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە توختالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ 2016-يىللىق پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك نورمال ياشاش ھوقۇقى تەھدىت ئاستىدا قالغان» لىقىغا ئائىت پاكىتلارنى توپلاپ دوكلات شەكلىدە ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نى باھانە قىلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ياشاش ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 2016-يىلى 3-ماي كۈنى «ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغان ئاخباراتچىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشتىكى زۆرۈر ئامىل» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر دوكلاتتا 2015-يىلى خىتايدا قولغا ئېلىنغان 49 ژۇرنالىست ئىچىدە 14 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەمدە پاتىگۈل غۇلام دېلوسى قاتارلىق ۋەقەلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئۇلار 20-ئىيۇل كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كرىزىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. «زېمىن بولماي تۇرۇپ، ھاياتلىق بولمايدۇ-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان دوكلاتتا پاكىتلار كۆرسىتىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى يەكۈنلەپ چىقىلغان.
2016-يىلى 30-ئىيۇلدىن باشلاپ ياپونىيەدە «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ناملىق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسى بېرىلىشكە باشلىغان.ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قانىلى «ساكۇرا» بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ناملىق تور تېلېۋىزىيەسىنى تارقاتقان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت، مەزكۇر تور تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن تارىخ، مەدەنىيىتىگە دائىر مەزمۇنلارنىڭ كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باش شتابى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر تارىخى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان 25 نەپەر تەتقىقاتچى ئۇيغۇر قەدىمكى، يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى زامان تارىخى بويىچە تەييارلانغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا، رۇسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 53 نەپەر تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
16-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن «خىتايدىكى ئاتوم تەھدىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان خىتاينىڭ 1964-يىلى 16-ئۆكتەبىر كۈنى تارىم ئويمانلىقىدا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتقان كۈنىنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇسىبەت كۈنلىرىدىن بىرى» دەپ بىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك قارارنى ئېلان قىلغان. يىغىندا يەنە ئەنۋەر توختى، مىجىت ھۈسەيىنوف قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس تېمىلار بويىچە دوكلات بەرگەن.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپخانىسى 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 47 يېشىدا ۋاپات بولغان ئۇيغۇر سەنئەتكار كۈرەش كۆسەننىڭ شەخسى يىغمىلىرىنىڭ رەتلىنىپ سىفىرلىق ئارخىپ ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇلۇپ زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2016-يىلى 12-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەدە «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن 80 گە يېقىن سىياسىيون، پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى ۋە ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەققىدە مۇھىم قارارلار ئېلىندى.