6-ئىيۇل كۈنى «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتالغان ئورگان بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» بىرلىكتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەرزنامە يوللىغان.
يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى ئورگان بۈگۈن، يەنى 7-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ(گائاگا) شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنى ئەرزنامىنى كۆرۈپ چىقىشقا ۋە خىتاينى جازالاشقا چاقىرغان.
فېيىسبۇك ئارقىلىق تارقىتىلغان ئاخبارات يىغىنىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» باشلىقى سالىھ خۇدايار، «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» پرېزىدېنتى غولام ئوسمان قاتارلىقلار ۋە شۇنداقلا گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى ئۆمەربېكالى قاتارلىقلار سۆز قىلغان. ئارقىدىن يەنە، بۇ ئەرزنامىنى تەييارلاپ سۇنغان ئادۋوكاتلار ئەرزنامىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
6-ئىيۇل كۈنى، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» يۇقىرىدىكى بۇ ئەرزنامە ھەققىدە خەۋەر تارقاتقانىدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 80 بەتلىك ئەرزنامىدە شى جىنپىڭ قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار 30 دىن ئارتۇق خىتاي ئەمەلدارىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىنغانىكەن. خىتاي گەرچە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ دېلو خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارىتا خەلقئارا نازارەتنى كۈچەيتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان تۇنجى ئەرىزنامە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى