seiji-nishixara-seyji.jpgكاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور سېيجى نىشىخارا ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى دېكابىر، ياپونىيە.

يېقىندىن بۇيان ياپونىيەدىكى ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى خىتاي باش كونسۇللىرى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتاينىڭ سىياسىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش بىلەن بىرگە، مەزكۇر مەكتەپلەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي كونسۇللىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى بەزى بىر ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى نوپۇزلۇق پروفېسسورلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور سېيجى نىشىخارا ئەپەندى يېقىندا ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى خېنىڭ كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە خىتاي-ياپون مۇناسىۋىتى، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلەش بىلەن بىللە، ياپونىيەدە قۇرۇلغان بىر قىسىم كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىپ، ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنى بىز ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز. بىراق، خىتاي كونسۇلخانىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە ئۆزلىرىگە ھىمايىچى توپلايدىغان كۇڭزى ئىنستىتۇتى كەبى تەشۋىقات ئورۇنلىرىنى مەكتىپىمىزدە قۇرۇشىغا شەخسەن مەن قارشى.»

كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان پروفېسسور دوكتور سېيجى نىشىخارا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى رەسمىي ھالدا ياپونىيەدە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتلارغا قارىتا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قارشى تۇرۇشقا باشلىدى. مەسىلەن: مەن شۇ يىلى 10-ئايدا ياپونىيەدىكى ئون نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتتا بۇ ھەقتە دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلسام، ياپونىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشىمىزگە قارشى تۈرلۈك قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. نېمە ئۈچۈن خىتاي مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۇڭزى ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟ دېمەك بۇ يەردىكى گەپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتى شەكىلدە مەدەنىيەت تەشۋىقاتى ئورنى بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى» دېدى.

ئۇ، فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلى خېنىڭ دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاي دىپلوماتلىرى دوكلاتلىرىدا قەدىمىي يىپەك يولىدا يېڭى يىپەك يولى قۇرۇشنى تەشۋىق قىلىدۇ. بىراق،يىپەك يولىنى بەرپا قىلغان ۋە تارىختىن بۇيان شۇ يەرلەردە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارانىڭ تېررور ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ دۇنياغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر، خىتاي كومپارتىيەسى ھەقىقىي تۈردە باراۋەرلىك ۋە تىنچلىق ئىچىدە يېڭى يىپەك يولى قۇرۇشنى نىشان قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بارغان بولاتتى. لېكىن، بۇ يەردىكى مەقسەت باشقىچە»دېدى.

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كۆز تىكىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان پروفېسسور دوكتور سېيجى نىشىخارا: «مەكتىپىمىزنىڭ تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر بىر قىسىم نوپۇزلۇق پروفېسسورلارنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى، بەلكىم خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە دائىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان ‹5-ئىيۇل غايىبلىرى› ناملىق ھۆججەتلىك دوكلات ئىنگلىز ۋە ياپون تىللىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كىتابچە قىلىنىپ، مەكتىپىمىز تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلاندى. رابىيە قادىر خانىم 2009-يىلى 10-ئايدا مەكتىپىمىزدە بۇ ھەقتە دوكلات سۆزلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم خىتاي كونسۇلخانىلىرى بۇ مەكتەپنى نىشانغا ئالغان بولۇشى كېرەك» دېدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن ئاروما خانىم فۇكۇئوكادىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ تەشۋىقاتى ھەققىدە توختىلىپ: «بەلكىم خىتاي كونسۇلى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ بىھۇدە ئاۋارىچىلىك، چۈنكى ياپونىيەدە كۆپلىگەن كىشىلەر كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى» دېدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غالىپ مىجىت ياپونىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى 2008-يىلى ئۇيغۇر ئالىمى مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان شۇنداقلا ياپونىيەدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى.