asiya-erkinliki-we-musteqilliqi-imoto-katsuyuki.jpgشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە خالىسانە مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەلىك پائالىيەتچى ئىموتو كاتسۇيۇكى ئەپەندى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرمەكتە. 2016-يىلى 3-دېكابىر، ياپونىيە.

3-دېكابىر ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ياپونىيە ئاسىيا چۈشى» تەشكىلاتى ۋە «ئاسىيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئۇيۇشمىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى ناكاسۇ رايوندىكى مەدەنىيەت زالىدا 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىپ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە خالىسانە مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەلىك پائالىيەتچى ئىموتو كاتسۇيۇكى 2014-يىلىدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەردى.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن تۆتكە قەدەر داۋام قىلدى.يىغىنغا تەخمىنەن يۈزگە يېقىن ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ياپونىيە ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىشى سۆز قىلىپ نۆۋەتتە خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى شۇنداقلا تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

يىغىندا سۆزگە چىققان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دايچىن نۆۋەتتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ،يېقىندا ياپونىيەدە قۇرۇلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى توغرىسىدا كۆپچىلىككە دوكلات بەردى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە خالىسانە مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇۋاتقان، شۇنداقلا 2014-يىلىدىن بۇيان تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈرمىلەرگە قامىلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىنسانىي ياردەملەردە بولغان ياپونىيەلىك پائالىيەتچى ئىموتو كاتسۇيۇكى يىغىندا سۆز قىلى، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تايلاندتىكى بىر ئورمانلىقتا 365 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرمىگە قامىلىپ ئۇلاردىن 173 ئى باڭكوكتىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيەگە يولغا سېلىنغانلىقىنى، بىراق، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن باڭكوكتىن بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا ھازىر تايلاند تۈرمىسىدە يەنە 80 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان ئىموتو كاتسۇيۇكى، ئۆتكەن يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى باڭكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسى يېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە بەش كىشى ئۆلۈپ، 120 دىن ئوشۇق كىشى يارىلانغاندىن كېيىن تايلاند دائىرىلىرى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇما بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش بىلەن بىرگە تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئۆزىگە ئوخشاش خالىسانە ئىنسانىي ياردەمدە بولغان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرنىڭمۇ تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ تايلاندتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ،سۆزىدە: « تايلاند ساقچىلىرى مېنى كۆپ قېتىم سوراق قىلىپ،سېنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن زادى نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار-دەپ سورىغاندا، مەن ساقچىلارغا: مېنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئىنسانىي مۇناسىۋىتىم بار-دەپ جاۋاب بەردىم»دېدى.

ئۇ، يەنە: تايلاند ساقچىلىرى باڭكوكتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە مېنىڭدىن بىر قانچە قېتىملاپ، تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار قىلدى. -سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟ دېدى. مەن كەسكىنلىك بىلەن بۇنى ئۇيغۇرلار قىلمىدى-دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار مېنىڭ پاسپورتۇمنى ئېلىۋېلىپ بارلىق بەتلىرىنى كوپى قىلىپ مەن توغرىسىدا تەپسىلىي ماتېرىيال توپلاشقا كىرىشتى. كېيىن مېنى ساقچىلار يەنە سوراق قىلغاندا ئۈستەلگە قارىسام بىر پاتمان مەن توغرىسىدا ماتېرىياللار دۆۋىلىنىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنىلا ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇردۇم. ئاقىۋەتتە، ئۇلار مېنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى-بولغاي شۇنىڭ مەن تايلاندتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم» دېدى.

ئىموتو كاتسۇيۇكى سۆزىدە تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ: «تايلاند ساقچى دائىرىلىرى تاشقى دۇنيادىن تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە يەپ، نېمە ئىچىپ قانداق كۈن كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. تايلاند ھاكىمىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بارغانچە قىيىنلىشىپ كەتتى» دېدى.

ئىموتو كاتسۇيۇكى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدىكى ۋە تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆپچىلىكنى بىردەك كۆڭۈل بۆلۈشكە، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

دوكلاتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىموتو كاتسۇيۇكى بىزنىڭ: «تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟» -دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «مېنىڭچە تايلاند ھۆكۈمىتى قەتئىي ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. -دەپ ئويلايمەن. سەۋەبى ئۆتكەن قېتىم 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدىن قۇرۇپ قالدى» دېدى.

بىز، يەنە ئۇنىڭدىن: «سىز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوللاش يولىدا تايلاندتا كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇقۇپ سىز؟ كېيىن قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟-دېگىنىمىزدە ئۇ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن: «مەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئاخىرىغىچە قوللايمەن. ۋە بۇ ھەرىكىتىمنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرىمەن»دېدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ياپونىيەلىك پائالىيەتچىسى ئىموتو كاتسۇيۇكىنىڭ تايلاندتا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىگە باھا بېرىپ ئۆتتى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەشكىلات نامىدىن ئىموتو كاتسۇيۇكىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.