
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلىدى
دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ھەر يىلى 12-نويابىر كۈنىدە 20-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنى» نى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
بۇ يىلمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ خاتىرە كۈنىنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.
ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، كانادا، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى.
گېرمانىيەدە رابىيە قادىر خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
13-نويابىر كۈنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى دەل ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلدى. بۇ پائالىيەتكە 8 دۆلەتتىن كەلگەن 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن رابىيە خانىمغا ئالتۇندىن ياسالغان ئىستىقلال مېدالى تەقدىم قىلدى ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن 70 يىللىق ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.
بىر يېزا كادىرىنىڭ ياشانغان ئۇيغۇر بوۋاينى ئۇرۇش ۋەقەسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر يېزا كادىرىنىڭ ياشانغان ئۇيغۇر بوۋاينى ئۇرۇش ۋەقەسى 10-نويابىردىن باشلاپ ئۈندىدار، فېيسبۇك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا يەكەندىكى يەرلىك دائىرىلەر بۇ ۋەقەنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىشلىگەن قىسقا سىن فىلىمىنى كۆرگۈچىلەر بىر كۈن ئىچىدىلا 40 مىڭ كىشىدىن، باھا يازغانلار مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇيغۇر دېھقانلار مەجبۇرىي ئەمگەك – ھاشارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال ھاشارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ھالبۇكى، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا ھاشارنىڭ بىكار قىلىنمىغانلىقى، بەلكى 2011-يىلىدىن بۇيان تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
14-نويابىر كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر دېھقان، ھاشارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ ھەر ھەپتىدە 2-3 كۈن سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بورتالا ساقچىلىرى: «رابىيخان ئانىغا پاسپورت بېرىلمەسلىك مەركەزدىن كەلگەن بۇيرۇق» دېگەن
بورتالا ساقچى دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى رابىيخان مۇسا ئانا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ پاسپورتىنىڭ بېرىلمەسلىكى ھەققىدىكى بۇيرۇقنىڭ بېيجىڭدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشتا چارىسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ساقچىلار رابىيخان ئانىنى نورۋېگىيەدىكى بالىسىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن رابىيخان ئانىنىڭ تۇرمۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
رابىيخان ئانا ئۇلارغا بالىسىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا باشقىلار تەرىپىدىن بېقىلىشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوتەندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نامراتلىق ۋە ياللانما ئەمگەكنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا
ئۆتكەن يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنكاس يېزىپ، يەرسىز قالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئاقسۇدىكى بىڭتۇەن مەيدانلىرىدا يىل بويى ياللىنىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
يېقىندا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر مەكتەپ خادىمى ئاتا-ئانىسى پاختا تېرىشكە كەتكەن قارانچۇقسىز بالىلارنىڭ مەكتەپكە ناشتىسىز كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانا مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىشى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر پاجىئە، دەپ كۆرسەتتى.