mongghul-yaponiye.JPG13-نويابىر جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەئىسى تىمۇچى رېتو توكيودا بايانات ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

13-نويابىر جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەئىسى تىمۇچى رېتو توكيودا بايانات ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دايچىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاي رەئىسى تىمۇچى رېتو توكيودىكى ت ك پ مەدەنىيەت مەركىزى كلۇبىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، جۈملىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتە خىتايدا كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

باش كاتىب دايچىننىڭ ئېيتىشىچە، قۇرۇلتاي رەئىسى تىمۇچى رېتو باياناتىدا جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەئىسى تىمۇچى رېتو توكيودا ئېلان قىلغان باياناتى ھەققىدە توختىلىپ:«جەنۇبىيە موڭغۇلىيەدىكى يايلاقلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قانۇنسىز كان ئېچىشى سەۋەبىدىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ۋە شۇنداقلا مۇھىت بۇلغىنىشى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردىم» دېدى.

قۇرۇلتاي رەئىسى تىمۇچى رېتو سۆزىدە:«جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان موڭغۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ يەردىكى موڭغۇل ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، خىتاي تىلى ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدىم. موڭغۇل مائارىپى يوق قىلىنىپ، خىتاي مەكتەپلىرى بەرپا قىلىنىپ، موڭغۇل مائارىپى ۋە تىل مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسەن يوق قىلىنغانلىقى توغرىسىدا توختالدىم» دېدى.

تىمۇچى رېتو توكيودا ئېلان قىلغان بايانتىدا يالغۇز موڭغۇل مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنىمۇ تىلغا ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ:«توكيودا ئېلان قىلغان باياناتىمدا يەنە موڭغۇللار بىلەن تەقدىرداش بولغان تىبەت، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ قاتتىق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بولۇپمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىگە باغلاپ باستۇرۇش سىياسىتىنى پاش قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۈملىدىن ياپون خەلقىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى بىلدۈردۈم» دېدى.

تىمۇچى رېتو باياناتىدا، يېقىندا توكيودا قۇرۇلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالغانلىقىنى بايان قىلىپ:«سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈچ مىللەت ئورتاق ھالدا بىر نىشان ۋە بىر مەقسەت بىلەن، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۈم ۋە خىتايدىكى بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسىيادىكى ياپونىيە دۆلىتىمۇ بۇ مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى.

توكيودا چاقىرىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاروما بۇ ھەقتە توختىلىپ: «جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تىمۇچى رېتونىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئېلىپ بارماقچى بولغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەت پىلانلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى رەئىسى تىمۇچى رېتو توكيودىكى باياناتىدا يەنە، خىتايدىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچسىى خادا، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيىسى ئىلھام توختى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋ بۆ ھەققىدىمۇ توختالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 10-نويابىر توكيودا قۇرۇلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن تۆتكە قەدەر داۋام قىلغان.