yaponiye-uyghur-birliki-okinawa-shobisi-2016.jpgياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئوكىناۋا ۋىلايىتىدە پائالىيەتچىلەر بىلەن بىللە

3 – نويابىر ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى يىغىن چاقىرىپ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئوكىناۋا شۆبىسى قۇرۇلغانلىقىنى قارار قىلدى.

ياپونىيەنىڭ ئوكىنۋا ۋىلايىتى بولسا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىدە تالاش – تارتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايلار دياۋيۈ، ياپونلار سېنكاكۇ دەپ ئاتايدىغان ئارال ئورۇن ئالغان شۇنداقلا بۇ يەرگە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيەدىكى ئاساسلىق ھەربىي بازىسى جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىم رايون ھېسابلىنىدۇ.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلات يېقىندا يىغىن چاقىرىپ ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتى ناھا شەھىرىدە مەخسۇس شۆبىسىنى تەسىس قىلغانلىقىنى قارار قىلغان. شۆبە تەشكىلاتقا ناھا شەھىرىدىكى ياپون ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تانو مارىكو مەسئۇللۇققا ۋە كۇگا شىنتارو ياردەمچىلىككە تەييىنلەنگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئوكىناۋا ۋىلايىتىنىڭ ناھا شەھىرىدە شۆبە تەشكىلات قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ياپونىيەگە ئاڭلىتىشتىكى رولى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئوكىناۋا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى تانو مارىكو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«مەن ئىككى يىلدىن بۇيان ناھا شەھىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. تارىختا شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان، ھازىر بولسا خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېيىلىۋاتقان بۇ دىياردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئىلگىرى ئاز – تولا خەۋىرىم بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئەتراپلىق چۈشەنچەم يوق ئىدى. 2013 – يىلى 6 – ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ناھا شەھىرىگە كېلىپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەن دوكلاتتىن كوپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە،بىزگە ئوخشاش ئىنسان سۈپىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي كومپارتىيەسى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بېرىچە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا سېپىگە قوشۇلدۇم» دېدى.

تانو مارىكو سۆزىدە:«ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا سېپىگە قوشۇلۇشۇم ۋە شۆبە تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم ھەرگىز خىتاي دۆلىتىگە نەپرەت بىلدۈرۈش ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئوكىناۋا شۆبىسىنىڭ ئەزالىرىدىن كۇگا شىنتارو شۆبە تەشكىلات ھەققىدە توختىلىپ:«ياپونىيە خەلقئارا مەسىلىلەردە دۇنيا خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ھازرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشىشنى نىشان قىلغان ھالدا كۆچمەنلەردىن بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزىگە قوبۇل قىلدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بۇ مەسىلىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمدە بولىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ خەلقارا مەسىلىلەردىن بىرى دەپ تونۇپ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىشنى لايىق كۆردۈم. ئەلۋەتتە، ياپون ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە بىرلىكتە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم دەپ ئويلايمەن» دېدى.

كۇگا شىنتارو سۆزىدە يەنە:«ئوكىناۋاغا خىتاي دۆلىتى تۈرلۈك تەھدىتلەرنى سېلىش ئارقىلىق سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ھەربىي كۈچ بىلەن بۇ زېمىننى بېسىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئوكىناۋا خەلقىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئويغىتىش، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردەملىرىگە ئالدانماسلىقىنى مەقسەت قىلغان ھالدا بۇ ھەقتە كۆپرەك تەشۋىق ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى يېقىن كەلگۈسىدە ئوساكا ۋە كيوتو شەھەرلىرىدىمۇ شۆبە تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى شۆبىسى ئۆتكەن ئايدا كيۇ ئۆلكىسىنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئوكىناۋانىڭ ناھا شەھىرىدە قۇرۇلغان شۆبىسى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىككىنچى شۆبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.