turmemet-sherqiy-turkistan-kuni.jpgياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتى ناھا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتىدە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. 2016-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.

ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتى ناھا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھا شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.

28-چېسلادىن 30-چېسلاغىچە داۋاملاشقان پائالىيەت جەريانىدا ناھا شەھىرىدىكى ياپون ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتىنى جانلىق ئېلىپ بېرىپ 30-چېسلا چۈشتىن كېيىن پۈتكۈل پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى يەنى 30-چېسلادىكى پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئوكىناۋا مەسچىتىدە كەڭ مۇسۇلمان جامائىتىگە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئېغىر باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئاڭلاتتى.

ئوكىناۋا مەسچىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ۋەز نەسىھەتتىن كېيىن، مەسچىت ئىمامى ئېلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «تارىختىكى تۈركىستان تۇپراقلىرى، ھازىرقى تۈركىيە ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان بولساقمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئانچە كۆپ مەلۇماتىمىز يوق ئىدى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. بىز ئوكىناۋادىكى ياپونلارغا ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان دىنىي قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن تەشۋىق ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمىز» دېدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئوكىناۋادىكى بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، ئوكىناۋا خەلقىنىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.

چۈشتىن كېيىن يەنە ناھا شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىرلىكتە ناھا شەھىرىدىكى كۇڭ زى سارىيىدا ئېسكىسكۇرسىيەدە بولدى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئوكىناۋادا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بارلىق ئەزالار خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئاخىرىدا، ناھا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتى تەشكىللىگۈچىلەردىن تانو خانىم بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «پائالىيەت بىز ئويلىغاندىنمۇ ئوبدانراق ئېلىپ بېرىلدى. گەرچە پائالىيىتىمىز خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلىرىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دائىرىلەر بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئوكىناۋادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمىز» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە،ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتى ناھا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» پائالىيىتى، 2013-يىلى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بۇ شەھەردە ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن.