rabiye-qadir-makino-seyshu-1.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ماكىنو سېيشۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە. 2016-يىلى 19-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.

ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ماكىنو سېيشۇ ئەپەندى، 19 ئۆكتەبىر ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزدا زىيارەتتە بولغان ئىدى. ماكىنو ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدا «ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى. ئۇ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ھىمايە قىلىپ كېلىۋاتقان ياپونلۇق مۇھىم ئەربابلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇخبىرلىرىمىز بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەتتە بولدى. ماكىنو جانابلىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنى 90 يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تونۇغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھەمدە ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنىڭ ئۇنىڭدىن خېلى ئىلگىرىلا باشلانغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ «بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشىمىز ئۇيغۇر دەۋاسىنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرىلا باشلانغان، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت ئورتاق دۈشمەنگە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىمىزدىنلا ئەمەس، ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قەدىمىي تارىخقا، باي مەدەنىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەر قوشقان بىر خەلق دەپ تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى.

يېقىندا ياپونىيە پارلامېنتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ دەم ئېلىشقا چىققان ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇق ئەلچىسى ماكىنو سېيشۇ ئەپەندى ھازىر يەنىلا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ داۋام ئەتكۈزمەكتە بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋە ئاسىياغا ياردەم خەلقئارالىق مۇنبىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرماقتا. ئۆتكەن چارشەنبە رادىيومىزدا مەخسۇس زىيارەتتە بولغان ماكىنو ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا «ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان ئورۇن» دەپ باھا بېرىپ، ياپونىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياپونىيە خەلقى نامىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە ئىلھام بەردى. شۇنداقلا سۆھبەت جەريانىدا ئۆزى ۋە ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارىتا قاراشلىرىدىن باشقا يەنە، ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تونۇشلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇخبىرلىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ماكىنو جانابلىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خېلى يىللار ئىلگىرىلا تارىخىي كىتابلار ئارقىلىق تونۇسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە 95-يىللىرى سابىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن مەلۇم خەلقئارالىق بىر يىغىندا ئۇچرىشىش جەريانىدا رەسمىي تونۇشقا ئىگە بولغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە قىزىققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىنقى 10 يىل داۋامىدا ياپونىيەدە بىر قانچە قېتىم بېرىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيەدە كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز ئۇنىڭدىن يەنە، يېقىنقى يىللاردا ياپونلاردا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى سورىدۇق.

ياپونىيەدە بولسا ئۇيغۇرلارغا قىزىقىش ئۇيغۇر دەۋاسىنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرىلا باشلانغان، ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشىمىز پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت ئورتاق دۈشمەنگە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىمىزدىنلا ئەمەس، ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قەدىمىي تارىخقا، باي مەدەنىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەر قوشقان بىر خەلق دەپ تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى.

ماكىنو ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋە ياپون خەلقىنىڭ رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيىتىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى، ياپون مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ماكىنو ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ياپون پارلامېنتىدا دۆلەت ئىشلىرىگە ئارىلىشىش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزىتىش جەريانىدا ئويلىغانلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئويلىغانلىرىنى ئىپادە قىلدى.

ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلەرگە ئىگە ماكىنو جانابلىرىنىڭ قارىشىچە، «خىتاي نۆۋەتتە سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەر جەھەتتە كۈچەيگەن بىر ھاكىمىيەت، ئەمما ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ناچار، بولۇپمۇ ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتە ئىزچىل قارا تىزىملىكتە تۇرۇپ كەلمەكتە. پۈتۈن دۇنيا بىرلىكنى، ئىنسانلىقنى، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە بۇ بارغانچە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىدۇ، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە كېڭەيمىچىلىكىنى توختاتمايدىكەن، داۋاملىق قوللاشقا ئېرىشىپ كېتىشى ناتايىن. ھاكىمىيەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ مەيلى ئۆزىنىڭ پۇقرالىرى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى ئۇنىڭ ئەڭ زور ئاجىزلىق تەرىپى سانىلىدۇ.» ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىغا شۇنداقلا تىبەت، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاينى ھەر جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى كەڭ تۈردە ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىغا يېقىنلىشىشىغا پايدىلىق، مېنىڭچە بىرلىك بولغاندا ئاۋاز كۈچلۈك چىقىدۇ، خۇددى تىبەتلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ئەگىشىدىغان دالاي لاماسى بولغاندەك، ئۇيغۇرلارمۇ ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىسى، تونۇلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئۇيۇشۇپ ئاۋازىنى بىرلىكتە كۈچەيتىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە يەنە ئۆزىگە ئوخشاش ئېزىلىۋاتقان تىبەت، موڭغۇل، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش زۆرۈر.»

بىز ئۇنىڭ ياپونىيەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باشقا سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ماكىنو ئەپەندى: «ئەلۋەتتە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر داۋام قىلغىنى ياخشى، ئەمما نىشان ۋە ئارزۇ بىر بولغاندا تېخىمۇ تەسىرى بولىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى، رابىيە خانىم ياپونىيەگە ياپونلارغا تونۇلۇپ بولدى، ئۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى تەڭ تونۇلماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇقى يېڭى مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىنماقتا» دېدى.

ۋە ئاخىرىدا يەنە: «ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىنتايىن تېز ۋە كۈچلۈك تونۇلدى، ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تونۇشى چوڭقۇرلاشقانسېرى، ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇقى كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرىشىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور رولى بار، شۇڭا رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، پارلامېنتتا ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ خىزمەتلىرىنى داۋام قىلماقتا. گەرچە پارلامېنتتىن دەم ئېلىشقا چىققان بولساممۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىمۇ زور ھىمايىگە ئېرىشىشىگە ئىشەنچىم كامىل. مەن ساھىب بولغان ئىنسان ھەقلىرى فوندىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئۇيغۇر، ياپون دوستلۇقىدا كۆۋرۈكلۈك رولىمىزنى داۋام قىلىمىز. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز مەدەنىيەت، تارىختىن ھالقىپ، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى مەقسەت قىلغان يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىۋاتقان دوستلۇق» دېدى.

ماكىنو سېيشۇ ئەپەندى ۋاشىنگتونغا 3 كۈنلۈك زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى رادىيومىزدا زىيارەت ۋە سۆھبەتتە بولغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق بىلدۈردى.