
19-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتونغا مەلۇم خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن، ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇق ئەلچىسى ماكىنو سېيشۇ ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزدا زىيارەتتە بولدى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ماكىنو ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدا «ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل يېقىندىن قوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە ۋە ئەمەلىي كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەرباب. ئۇ، رابىيە خانىمغا «بىزنىڭ دوستلۇقىمىز يەنىمۇ چىڭ چىگىلىپ بارغۇسى ۋە داۋام قىلغۇسى، چۈنكى ئۇ قەدىمى يىپەك يولىدىن باشلانغان، يىپەككە چىگىلگەن دوستلۇق» دېيىش ئارقىلىق، ياپونلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان دوستلۇقىنى ئىپادە قىلدى.
ياپونىيەنىڭ سابىق دۆلەت ئىقتىسادىي مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى، ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇق ئەلچىسى ماكىنو سېيشۇ ئەپەندى بۇ يىل 70 ياشتا بولۇپ، ئۇ يەنە ياپونىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى، ئۇ شۇنداقلا يەنە دېموكراتىك خىتاي ۋە ئاسىياغا ياردەم خەلقئارالىق مۇنبىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرماقتا. ماكىنو جانابلىرى بۇ نۆۋەت ۋاشىنگتونغا 3 كۈنلۈك زىيارەتكە كەلگەن بولسىمۇ، 19-ئۆكتەبىر زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، ئاسىيا ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى يوقلاپ ئۆتۈش ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشچىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. ماكىنو ئەپەندى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10دىن چۈشكىچە ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمىدە زىيارەتتە بولدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ماكىنو ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا «تىنچ ئوكياننىڭ ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان ئورۇن» دەپ باھا بېرىپ، ياپونىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندى ۋە ياپونىيە خەلقى نامىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى ۋە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش يولىدىكى خىزمەتلىرىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ رىغبەتلەندۈردى.
قىسقىغىنە سۆھبەتتىن كېيىن، ماكىنو ئەپەندى 19-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، رابىيە قادىر خانىم بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئىشخانىسىدا ياپونلۇق دوستى ماكىنو ئەپەندىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان رابىيە قادىر خانىم، ھۆرمەت -ئېھتىرام ۋە دوستانە سالاملاشقاندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ سۆھبىتى باشلاندى. سۆھبەت ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى كۈرەش يولى، ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇقىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا قەدەر كېڭەيدى.
ماكىنو ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋە ياپون خەلقىنىڭ رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيىتىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ «ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىنتايىن تېز ۋە كۈچلۈك تونۇلدى، ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تونۇشى چوڭقۇرلاشقانسېرى، ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇقى كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ كۈن تەرتىپىگە كىرىشىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور رولى بار، شۇڭا رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، پارلامېنتتا ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ خىزمەتلىرىنى داۋام قىلماقتا. گەرچە پارلامېنتتىن دەم ئېلىشقا چىققان بولساممۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىمۇ زور ھىمايىگە ئېرىشىشىگە ئىشەنچىم كامىل» دېدى.
رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر خىتاي ۋە ياپونىيە ئومۇمىي ۋەزىيەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ ئاخىرىدا «ھۆرمەتلىك ماكىنو جانابلىرى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىسىز، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كېڭىيىپ دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەھدىت ياراتماقتا، بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ۋە ياپونلارنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ سىناققا توغرا كېلىۋاتىدۇ. بىز مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى خىتاي، مەيلى تىبەت ياكى ياپون بولايلى، ھەممە كۈچلەر بىر مەقسەتتە خىتايغا قارشى ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز زۆرۈر، تىنچلىق يولى بىلەن خىتاينى ئۆزگەرتىشىمىز زۆرۈر ۋە تېخىمۇ ئىستراتېگىيىلىك يول ئېلىشىمىز كېرەك» دەپ گەپ باشلىدى. ماكىنو ئەپەندىمۇ رابىيە خانىمنىڭ سۆزلىرىنى تەرجىمانى ئارقىلىق دىققەت بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پىكرىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ناھايىتى توغرا دېدىڭىز، خىتاي ياپونغىلا ئەمەس، پۈتۈن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان، ھەتتا دۇنيا تىنچلىقىغا داۋاملىق تەھدىت ياراتماقتا، كېڭەيمىچىلىك قىلماقتا. بىز ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، يىپەك يولىغا ئۇلانغان ئىنتايىن ساپ ۋە چوڭقۇر دوستلۇق. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان رىشتىمىز ئىنتايىن ئالاھىدە، تارىختا ئۇيغۇرلارمۇ ياپونلارغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز يىپەكتە چىگىلگەن دوستلۇق. بۇ دوستلۇقىمىزنىڭ بارغانچە چىڭىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچىمۇ ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇقى ۋە خىتايغا قارشى بارلىق كۈچلەرنىڭ دوستلۇقى ھامان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ دوستلۇق ياپوننىڭ، خىتاينىڭ، ئاسىيانىڭ ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك» دېدى.
رابىيە قادىر خانىم، ئاخىرىدا يەنە قەتئىي ئاھاڭدا، «ئۇيغۇرلار خىتاي كۆرسىتىۋاتقاندەك بۆلگۈنچى ياكى تېررورچى ئەمەس، بىز خىتاينى بۆلۈپ چىكىتەيلى دېمىدۇق، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىنىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىزنىڭ دەۋاسىنى قىلدۇق» دەپ شەرھلىدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تىنچلىق يولىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى مەركەز قىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئاخىرقى نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
رابىيە قادىر خانىم ھاياجاندا مېھمانغا ئۆز قولى بىلەن چاي تۇتتى. ماكىنو ئەپەندىمۇ ياپونىيەنىڭ داڭلىق يېشىل چېيىنى رابىيە قادىر خانىمغا ھەدىيە قىلغاندا، رابىيە قادىر خانىممۇ ئىشكاپىدىن چىرايلىق ئۇيغۇر دوپپىسىنى ئېلىپ ماكىنو ئەپەندىگە «تازىمۇ ياراشتى ئەپەندى، ئۇيغۇر دوپپىسى ئۇيغۇرنى ھىمايە قىلغان دوستلارغا بەك يارىشىدۇ» دېدى ۋە ماكىنو ئەپەندىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، تەشەككۈرىنى ئىپادىلىدى.
ئۆز خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ تىنچلىقى، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ سەمىمىي، دوستانە سۆھبىتى ئىككى سائەت داۋام قىلدى. ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى كامىراسى ئارقىلىق، بۇ ئىككى كونا دوستلارنىڭ دوستلۇقىغىلا ئەمەس، مىللەت ھالقىغان، دۆلەت ھالقىغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك، دوستلۇق ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى تېمىسىدىكى سەمىمىي سۆھبىتىگە، ياپون، ئۇيغۇر دوستلۇقىغا شاھىت بولدۇق.