
پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردە 2016-يىللىق قۇربانلىق ھېيتنى كۈتۈۋالدى
12-سېنتەبىر، يەنى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ھەرقايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى 2016-يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.
ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەردە بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن جامائەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرىيىتى، مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كوللېكتىپ دۇئا قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.
ئۇيغۇر دىيارى دائىرىلەرنىڭ يۇقىرى بېسىملىق «بىخەتەرلىك» تەقىبلىرى ئىچىدە بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنىڭ خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى بىلەن مەكتەپلەرنى 7 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئىككى بايرام مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قاتتىق «بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. دائىرىلەر يەنە قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ 40 مىنۇت ئىچىدە ئوقۇلۇپ بولۇشى ھەققىدە مەسچىتلەرگە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
ئۇيغۇر دىيارىدىن رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئاممىۋى سورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەندىن باشقا يەنە، مەمۇرلارنىڭ ئىدارە - جەمئىيەتلەردە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رابىيخان ئانىنىڭ پاسپورت مەسىلىسىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، ھەتتا تېنىۋالدى
بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ 82 ياشلىق رابىيخان ئانىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئاشكارا بولغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
چەتئەلدىكى بالىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن «ئوتقا كىرسەممۇ مەيلى» دېگەن نىيەتكە كەلگەن رابىيخان ئانا تارتىۋېلىنغان پاسپورتىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بىرقانچە ئايدىن بۇيان ساقچى ئىدارىسىگە كۈندە بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، ھەتتا تېنىۋالدى.
خىتاينىڭ نەنياڭ ساقچى ئىدارىسى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى
بۇ يىل 31-ئاۋغۇست، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 4 نەپەر ئۇيغۇرغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭدا ئاۋات بەشئېرىقلىق ئايجامال روزى، ئابدۇنۇر نۇرۇللا، ئايشەم ئەكرەم قاتارلىق 3 ئۇيغۇر ۋە سالاھىيىتى نامەلۇم يەنە بىر كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ يېقىندا چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى، خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئايجامال روزى بىلەن ئابدۇنۇر نۇرۇللانىڭ ئەر-ئايال ئىكەنلىكى، ئاۋات بېشئېرىق يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرىنىڭ ھامىلىدار ئايجامال روزىنىڭ 4-بالىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ياۋروپا پارلامېنتى ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا رەسمىي نامزات قىلىپ تاللىدى
خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ساخاروف مۇكاپاتىغا رەسمىي نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 15-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئىلھام توختىنىڭ تۈركىيەلىك ژۇرنالىست جان دۈندار، قىرىم تاتارلىرىنىڭ سىياسىي رەھبىرى مۇستافا جەمىل ئوغلى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا رەسمىي نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ساخاروف مۇكاپاتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولۇپ، ئىلھام توختىنىڭ رەسمىي نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش ئەنئەنىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر دىققەت قوزغىماقتا
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇيان غەرب دۇنياسىدا، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە مۇئەييەن دەرىجىدە كۆلەملەشكەن جامائەتكە ئايلانماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە تويلىشىش مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتلىك مۇراسىملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي ساھەدىكى سەرخىللەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۈگۈنكى رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.