Tokyo-afghanistan-muhajir-qurban-heyt.jpgياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم توكيودىكى ئافغانىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ قۇربان ھېيت پائالىيىتىگە قاتناشتى. 2016-يىلى 12-سېنتەبىر.

12-سېنتەبىر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

توكيودىكى ئافغانىستان رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن باشلانغان بولۇپ، قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن دۇئا قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ياپونىيەدىكى ئافغانىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ مويسىپىتلىرىدىن 75 ياشلىق ئۆزبېك ئەمىن مۇھەممەدئەمىن كوھى دۇئا قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق ئازاد بولۇشىنى ئاللاھتىن تىللىدى.

توكيودا ئېلىپ بېرىلغان ئافغان مۇھاجىرلىرىنىڭ قۇربان ھېيتنى قۇتلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئافغان مۇھاجىرلىرىدىن رەھمىتۇللا تىلاۋەت ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەلۋەتتە قولىمىزدىن كېلىشىچە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولىمىز » دېدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا 75 ياشلىق ئەمىن مۇھەممەدئەمىن كوھى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى بىر كۆرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئافغانلارغا مەلۇم بولغان ئۇيغۇر تارىخىي ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ توكيودا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تونۇيدىغانلىقىنى، بىراق خىتاي ۋەتەنداشلىقىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىمىدىن قورقۇپ مەسچىتلەرگە ناماز ئوقۇشقا بارالمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا سىياسىي گەپ سۆزلەرنى قىلسا ئۆزىدىن يىراقلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىدا توكيودا ياشاۋاتقان ئافغانىستانلىق ئۆزبېك مۇھاجىر قېرىنداشلار ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تۈرلۈك ياردەملەردە بولغان.

ياپونىيەنىڭ ئۇچۇر مەنبە ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1979-يىلى دېكابىر ئېيىدا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇرۇش 1989-يىلى ئاخىرلاشقۇچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئافغانىستانلىقلار توكيو ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.