2016.09.09
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇقىملىق خىزمىتىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دىققەت قوزغىماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرگە 14 خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى يوشۇرۇن تەپتىش قىلغان.

كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك دىققىتىنى قوزغىغىنى يېڭىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى 1-نومۇرلۇق ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن چېن چۇەنگونىڭ خىزمەتكە ئولتۇرغان ھامان مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مۇقىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپلا يوشۇرۇن تەپتىش قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى بولغان.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، «بۇ ھال دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى ۋە ئەنئەنىۋى دورىگەرلىكى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە

زامانىمىزغا قەدەر ئۆز شۆھرىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نىشانلىق ياردەم بېرىش» دېگەن نامدا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى بىلەن خىتاي كارخانىلىرى تەرىپىدىن يۇتۇپ كېتىلمەكتە.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سانائەتلەشمىگەن ۋە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرۇلمىغان ئۇيغۇر دورىگەرلىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ سودا مۇلازىمىتىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەپچىقىرىش ۋە باھا بېكىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان.

خىتاي زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقارغان دورا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتىگىلا مەسئۇل بولغان ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرى مۇشۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتىنىڭ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىشقا قادىر بولالمىغان. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلار ۋە نارازىلىقلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئىلاجسىز قالغان.

ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەت چەكتى

خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئەردوغان يىغىن ھارپىسىدا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغان ھەمدە سودا ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تېمىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتىن كېيىن ئەردوغان مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىسلامى ھەرىكەت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «ئىسلامى تۇرمۇش بىلەن تېررورلۇق بىر-بىرىدىن پەرقلىق چۈشەنچىلەردۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىقتىسادىي نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە جامائىتىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياخشى ئاڭلىتىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا بومبا پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈم غۇلغۇلا قوزغىدى

ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان ئامانلىق ئورگانلىرى ھۇجۇمچىنىڭ تاجىكىستان تەۋەلىكىدىكى زاھىر خەلىلوف ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، سۈرىيەدىكى غازاتچىلارغا چېتىشلىق ئۇيغۇر قوراللىقلار گۇرۇھى بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئىكەن.

مەزكۇر ھۆكۈم خەلقئاراغا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ۋە مەمەت توختى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن» دېدى.

82 ياشلىق رابىيخان ئانا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىماقتا

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن رابىيخان ئانىنىڭ بورتالا شەھىرىدە 2-ئايدىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رابىيخان ئانىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ نورۋېگىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئوغلى بىلەن ئالتە يىلدىن بۇيان كۆرۈشۈپ باقمىغان. بۇ يىل 2-ئايدا ئۇ ئوغلى بىلەن تۈركىيەدە كۆرۈشۈشكە ئايروپىلان بېلىتى ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، خىتاي ساقچىلىرى «سېنىڭ ئوغلۇڭ رابىيە قادىرغا ھەمدەمدە بولماقتا ئىكەن» دېگەن باھانە بىلەن ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان.

رابىيخان ئانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ساقچىلارغا يېلىنىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇنى قوپاللىق بىلەن ھەيدەپ چىقارغان شۇنداقلا ئۇ ھازىرغا قەدەر ھەر خىل تەھدىتكە ۋە زوراۋانلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ياپونىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» تېلېۋىزىيىسىدە نان مەدەنىيىتى ۋە ئاتوم پاجىئەسى تونۇشتۇرۇلدى

ياپونىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭى سانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئېگە نان مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزگەن ئېغىر زىيانكەشلىكى جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن.

مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ساھىبخانىلىرىدىن بىرى بولغان ئىلھام ماھمۇت مەزكۇر تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياپونىيە تاماشىبىنلىرىغا تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئېگە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ.