
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 8-ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يۇرىكو كېئىكو خانىمنىڭ توكيوغا ئۆلكە باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەپ تەبرىك خېتى يوللىغان.
31-ئىيۇل يۇرىكو كېئىكو خانىم توكيودا ئېلىپ بېرىلغان ئۆلكە باشلىقى سايلىمىدا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توكيوغا ئۆلكە باشلىق بولۇپ سايلانغان ۋە يېقىندا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان.
يۇرىكو كېئىكو خانىم ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، مۇھىت مىنىستىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان. 2008-يىلى ياپونىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاياللاردىن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىگە رەئىسى بولۇپ سايلانغان شەخس شۇنداقلا ياپونىيەدە تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان ئايال سىياسەتچىلەردىن بىرى. ئۇ، 1993-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ياپونىيە پارلامېنتى ئەزاسى بولغان.
ياپونىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان رەھبەرلەردىن بىرى دەپ قارىلىدىغان يۇرىكو خانىم، ئىلگىرى مىسىرنىڭ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىللىرى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۇرىكو كېئىكو خانىمغا يوللىغان تەبرىك خېتىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەبرىك خېتىدە يۇرىكو كېئىكو خانىمنىڭ سايلام غەلىبىسىنى قۇتلىغان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا ھەشقاللا ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇنى نۆۋەتتىكى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، يۇرىكو كېئىكو خانىمدەك ياپونىيە رەھبەرلىرىگە تەبرىك خېتى يوللاش ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر سۆزىدە يەنە، 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياپونىيەدە كەڭ ئاڭلىتىلىشىدا يۇرىكو كېئىكو خانىمنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرمۇھەممەت ھاشىم 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
بۇ ماقالىنى ئىلتەبىر تەھرىرلىدى.