rabiye-qadir-duq-yaponiye-bash-ministir-yardemchisi-seichi-eto.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر ياپونىيە باش ۋەزىر ياردەمچىسى سېئىجى ئېتو ئەپەندىمنىڭ ئىشخانىسىدا سوھبەتتە. 2016-يىلى 1-ئىيۇن، توكيو.

5 – ئاۋغۇست دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدا يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنى تەبرىكلەپ تەبرىك خېتى يوللىغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنى تەبرىكلەپ تەبرىك خېتى يوللىغان.

3 – ئاۋغۇست ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن كابىنېتى 19 نەپەر ئىچكى كابىنېت ئەزاسىنى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن بولۇپ، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر ئىچىدە 2012 – يىلى 5 – ئايدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرىدىنمۇ خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان.

بۇ قېتىمقى يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغانلار قاتارىدا 2012 – يىلى 5 – ئايدا توكيودا چاقىرىلغان 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئىشتىراك قىلغانلاردىن ئەينى چاغدىكى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىنادا تومومى خانىم ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، سېئىچى ئېتو ئەپەندى ياپونىيە باش ۋەزىر ياردەمچىلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋە ئۇندىن باشقا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىك خېتىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىنادا تومومى خانىم ۋە باش ۋەزىر ياردەمچىسى سېئىچى ئېتو ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەر قېتىملىق ياپونىيە سەپىرىدە ئۇلار بىلەن كۆپلىگەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغىچە بولغان ياپونىيە زىيارىتىدە بىر قىسىم مىنىستىرلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنى ۋە شۇنداقلا يېڭىدىن ۋەزىپە تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىنادا تومومى خانىم بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر قانچە تەرەپلەردە زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە قادىر خانىم پات يېقىندا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن ۋە بۇ زىيارىتىدە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئىچكى كابىنېتتىكى بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.