erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

د ئۇ د نىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى، رابىيە قادىر خانىم يەنە بىر قېتىم رەئىسلىككە سايلاندى

فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى 13-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلاشتى. رابىيە قادىر خانىم يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كاتىباتلىق ئورنى تەسىس قىلىنغان. دولقۇن ئەيسا باش كاتىپلىققا تەيىنلەنگەن. مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئۆمەر قانات ئەپەندى رابىيە خانىمغا ياردەملىشىپ، قۇرۇلتاينىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشى بەلگىلەنگەن. سايلام جەريانىدا بەزى ياشلارمۇ د ئۇ د نىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىغا كىرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-ۋە 2-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، 3-نۆۋەتلىكى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، 4-نۆۋەتلىكى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يەرلىك ئۇيغۇرلار ئاتالمىش «قولايلىق كارتا» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما چەكلىمىلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ يىل 4-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاتالمىش «ئاممىغا قولايلىق كارتا» نىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلەر ئاتالمىش «قولايلىق كارتا» ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەردە سىرتتىن ئۇرۇق-تۇغقان ياكى تونۇش-بىلىشلىرى يوقلاپ كەلسە چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئاتالمىش «ئاممىغا قولايلىق كارتا» ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەرگە ئېغىر «قۇلايسىزلىق» ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى توختاۋسىز ئىنكاسلار رادىئومىز ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى ھۆكۈمى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

باش شتابى گوللاندىيەنىڭ گائاگا (دەنخاگ) شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت 12-ئىيۇل كۈنى ئاچقان سوتتا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنىي ئاساس يوق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا نىسبەتەن دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» 13-ئىيۇل كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا ھازىر ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن تيەنكەي، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ليۇ جىمىن قاتارلىقلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مەلۇمكى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى ئۇزۇندىن بۇيان مەزكۇر دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان فىلىپپىن، ۋىيېتنام، مالايسىيا ۋە بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

يازغۇچى ۋە داڭلىق تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ «مىڭ ئۆيلەر، بىز سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز!» قاتارلىق بىرقانچە كىتابى، «ئۇيغۇرلاردىن نېمىشقا بىرىنچى قول پارتكوم سېكرېتارلىرى چىقمايدۇ» ناملىق 300 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ماقالىسى، «ئالىمجان، ساقىلىڭىزغا رەھمەت» ناملىق 30 پارچىدىن ئارتۇق پۇبلىستىك ماقالىسى شۇنداقلا 200 قىسىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھەمدە زور تەسىر پەيدا قىلغان.

ھالبۇكى، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ يېقىندا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەندىشىگە سالدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «دائىرىلەرنىڭ ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر قاتارلىق مۆتىدىل ئېقىمدىكى تور يازارلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى مەۋجۇت سىستېمىغا بولغان ئىشەنچىنى يەنىمۇ بەربات قىلىدۇ،» دېدى.

يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلار ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن شىكايەت قىلماقتا

2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ يۈز مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 6 مىليون دېھقان-چارۋىچىنى يېڭى ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى بىلەن ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلار ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىدىن شىكايەت قىلدى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە «دېھقانلارنى يەردىن، چارۋىچىلارنى يايلاقتىن ئازاد قىلىش پىلانى» نى يولغا قويماقتىكەن. يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلار شەھەرلەردىكى ئەرزان ئىجارىلىك بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلۈپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ ياشىماقتىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ ئىشلىتىش پىلانى داۋاملاشماقتىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە رايون ھالقىتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يەنى شىمال بىلەن جەنۇب ئارىسىدا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى قوللىنىلماقتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يۆتكەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ جەمئىي 18 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى مەلۇم.